UyghurMain Dictionary
باخ
يۈز مەشھۇر شەخىس
1685 - 1750
باخ مۇزىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كومپوزىتورلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ گېرمانىيىلىك مىللىي مۇزىكىلىرى ئاساسىدا نېردىرلاندىيە، ئىتالىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 16 - ئەسىردىن بۇيانقى مۇزىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلگىرىكىلەر تەرەققىي قىلدۇرغان ئاساسىي ئۇسلۇب، شەكىل ۋە مىللىي ئەنئەنىلەرنى ئۇمۇملاشتۇرغان ھالدا تەتقىق قىلىپ ۋە مۇجەسسەملەپ ئۇلارنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلغانلىقى - باخنىڭ ئىجادىيىتى ھېسابلىنىدۇ. باخ ھايات ۋاقتىدا ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى 50 يىل ئىچىدە ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىنى كىشىلەر ئاساسەن ئۇنتۇپ كەتتى. 1800 - يىلدىن كېيىن بولۇپمۇ مېندېلسوننىڭ كۆككە كۆتۈرۈشى بىلەن تەدرىجىي ھالدا ئەھمىيەت بېرىشكە ئېرىشتى. ئۆتكەن 15 يىل ئىچىدە ئۇنىڭ نام - شۆھرىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، دۇنيادىكى ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان ئىككى ئۈچ ئۇلۇغ مۇزىكانتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، بەزى كىشىلەر ئۇنى ھەتتا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇزىكانت دەپ ھېسابلايدۇ.
باخ 1685 - يىلى گېرمانىيىنىڭ ئېزىنناخ شەھىرىدە تۇغۇلغان.
باخ مۇزىكانت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئەتراپىدىكى ھەممە، ئۇنىڭ مۇزىكا تالانتىنىڭ يېتىلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان مۇھىت ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ ئاتىسى خېلى ئابرويلۇق ئىسكىرپكىچى ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى تاغىسى تالانتلىق كومپوزىتورلاردىن ئىدى. بىر نەۋرە ئاكا - ئۇكىلىرىدىن بىر قانچىسىمۇ ھۈرمەتكە سازاۋەر مۇزىكاتلاردىن ئىدى.
باج توققۇز ياشقا كىرگەن يىلى ئانىسى، بىر يىلدىن كېيىن ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنى ئورگان چالىدىغان چوڭ ئاكىسى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. باخنىڭ ئاۋازى ياخشى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن، ئۇ لېپسىگ سېنت - مېخائېل مەكتىپىگە كىرىپ، ئۇقۇش ياردەم پۇلىغا تاينىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى 20 يىلدا باج گەرچە خىزمەت ئونىنى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرۇپ كومپوزىتور، ئوقۇتقۇچى ھەمدە دىرىژور بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئورگان ئۇستىسى بولۇش بىلەن ھەممىگە تۇنۇلغانىدى.
1723 - يىلى، باخ 38 يېشىدا لېپسىگ سېنت - توماس چېركاۋىنىڭ ئوركىستېر باشلىقى بولىدۇ. ئۇ تا 1750 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر بۇ يەردە ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 27 يىلىنى ئۆتكۈزىدۇ.
باخ ھايات ۋاقىتدا نامى چىقمىغانىدى. ئۇنىڭ ئىش ھەققى ئائىلىسىنى بېقىشقا ئاران يېتەتتى. موزات ھايات ۋاقتىدا ئېرىشكەن ئاتاققىمۇ، بېتخوۋېن بەھرىمەن بولغان شان - شەرەپكىمۇ ئېرىشەلمىگەنىدى (ھەتتا لىسىت ياكى شوپىنلارغىمۇ يېتەلمىگەن). چۈنكى، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ تالانتىنى ئېتراپ قىلىدىغان بىرەر كىشىمۇ يوق ئىدى. لېپسىگدىكى بىر كومىتېت باش مۇزىكانت تەيىنلىمەكچى بولىدۇ. ئۇلار تاللىغان ئىككى نامزات بىر مەھەل ئارىسالدىلىقتىن كېيىن، بۇ خىزمەتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن باش مۇزىكانتلىق ئورنى باخقا بېرىلىدۇ. ئەمما بۇ ئىشتىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بىر ۋەقەدىن بىز يەنە بىر ئەھۋالنى كۆرۈۋالالايمىز. باخ ئەسلى بىر كىنەزلىكنىڭ ئوردىسىدا ئورگان ئۇستىسى ئىدى. ئۇ بۇ خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا يېڭى خىزمەت ئىزلەشنى ئويلىغان. لېكىن كىنەز ئۇنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئۇنى زىندانغا سولاپ قويغان! باخ زىنداندا ئۈچ ھەپتە ياتقاندىن كېيىن كىنەزنىڭ ئىچى ئاغرىپ، ئاخىر يەنە ئۇنى قويۇپ بېرىدۇ.
باخ 21 ياشقا كىرگەندە نەۋرە سىڭلىسى بىلەن توي قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن يەتتە پەرزەنت كۆرگەن. 35 ياشقا كىرگەندە دەسلەپكى خوتۇنى ئۆلۈپ كېتىپ، ئىككىنچى يىلى قايتا ئۆيلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىككىنچى خوتۇنى ئىلگىرىكى يەتتە بالىنى بېقىشنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭغا 13 بالا تۇغۇپ بېرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ توققۇزى ھايات قالىدۇ، بۇلاردىن تۆتى داڭلىق مۇزىكانت بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن بۇ ئائىلىنىڭ ھەقىقەتەن مۇزىكا تالانتىغا ئىگە ئائىلە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
باخ يۇقىرى مەھسۇلاتلىق كومپوزىتور بولۇش بىلەن مەشھۇر. ئۇ تەخمىنەن 300 ئاراتورىيە (بۇ پەقەت ناخشا بىلەنلا ئوينىلىدىغان بىر خىل ئويۇن)، 48 تەكشى رىتىملىق كىلاۋىئېر، 140 باشلىنىش مۇزىكىسى، 100 دىن ئارتۇق قەدىمىي پىئانىنو مۇزىكىسى، 24 تەڭكەش قىلىپ چېلىنىدىغان مۇزىكا، 33وناتا ۋە باشقا مۇزىكىلار بولۇپ، جەمئىي 800 دىن ئاتۇق مۇزىكا ئىشلىگەنىدى.
باخ كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. مۇزىكا بىلەن چېركاۋغا خىزمەت قىلىشنى خالايتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپى دىنىي مۇزىكىلار ئىدى، ئۇ يېڭىچە مۇزىكا شەكىللىرىنى يارىتىشنى خالىمايتتى. بەلكى ئەسلى بار بولغان ئەندىزىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزگەن ئىدى.
باخ ئۆلگەندىن كېيىنكى 50 يىل ئىچىدە، ئۇنىڭ مۇزىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئېتراپ قىلىنمىدى. 1800 - يىلدىن كېيىنلا باخنىڭ تەقدىر يۇلتۇزى پارلىدى. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ مۇزىكا ئەسەرلىرى كونىچە دېيىشكەنىدى، ئەمما 200 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بۇ مۇزىكا ئەسەرلىرى كەڭ تارقىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئەھمىيەت بېرىشكە ۋە ھۈرمەتكە سازاۋەر بولماقتا.
دۇنيا تارىخى
(1)يوھان سېباستىئان باخ (8516-1750)گېرمانىيىلىك كومپوزىتور. ئۇنىڭ ئاتابوۋىسى مۇزىكانت بولغان. ئۇ كىچىكىدە ئورگان چېلىش تېخنىكىسىنى پۇختا ئىگىلىگەن. 1703-1708-يىللىرى ئارنىستادت، مۇخخاۋسېندا چېركاۋ ئورگانچىسى بولغان. كېيىن ۋېيمارغا بېرىپ ئوردا ئورگانچىسى بولغان. 1714-1717-يىللىرى سازەندىلەر باشلىقى بولغان.1717-1723-يىللىرى كودۇندا ئوردا سازەندىلىرى باشلىقى بولغان، 1723-يىلىدىن باشلاپ لېيپسېگ سان توماس چېركاۋىدا ھەمدە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان ناخشا مەكتىپىدە تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر سازەندىلەر باشلىقى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان. كاتولىك دىنىغا چىن ئىتىقاد قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بۇرژۇئازىيىنڭ مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ئۆمۈر بويى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى تىرىشچانلىق بىلەن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە 30 يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىنكى گېرمانىيە شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئىدىيىۋى ھالىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ گېرمانىيە مىللىي مۇزىكىسى ئاساسىدا ئىجاد قىلغان، ⅩⅥئەسىردىن بۇيانقى نېدىرلاندىيە، ئىتالىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيىتى. غەربنىڭ يېقىنقى زامان مۇزىكىسى تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى قوشما ئاھاڭ بىلەن يېزىلغان. ناخشىلىق مۇزىكىدا دىنىي مەزمۇن ئاساس قىلىنغان. ئاساسلىق ناخشىلىق مۇزىكىلىرىدىن<مىنۇر مىسساكۈيى>، <ماتتېۋنىڭ ئازاب چېكىش كۈيى> ۋە 200 دىن ئارتۇق سونۇتاسى بار. مۇزىكىدىن <ئوتتۇرىچە پىئانىنو مۇزىكىسى توپلىمى>ئىككى توم، قەدىمكى پىئانىنو مۇزىكىسى<فرانسىيە يۈرۈشلۈك كۈيلىرى>، <ئەنگىلىيە يۈرۈشلۈك كۈيلىرى>، ئورگان كۈيى <توكات بىلەن فۇگې> سىمفونىيىلىك مۇزىكا <براندېنبۇرگ تەڭكەش مۇزىكىسى> قاتارلىقلار بار. ئاخىرقى ئۆمرىدە ئىجاد قىلغان <فۇگېنىڭ سەنئىتى>، <مۇزىكا سوۋغىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭ بالىلىرىدىن كارل فىلىپ ئېمانول باخ (1714-1788)بىر قەدەر مەشھۇر بولۇپ، يېقىنقى زامان سونۇتا شەكلىنىڭ ئاساسچىسى ھېسابلىنىدۇ.(2)ئالېكسىي نىكولايېۋىچ باخ (1857-1946). سوۋېت ئىتتىپاقلىق بىئوخىمىيە ئالىمى. ئۇكرائىنالىق ھاراق ياساش ئۇستىسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، كيېۋ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار دولقۇنىغا قاتناشقاچقا مەكتەپتىن ھەيدەلگەن. ئۈچ يىل سۈرگۈندە يۈرۈپ، كېيىن نارودنىكلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. <چارپادىشاھئاچارچىلىق> دېگەن كىتابنى يېزىپ مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى سۆككەن. 1885-يىلنىڭ ئالدى كەينىدە فرانسىيە، ئامېرىكا ۋە شۋېتسارىيىلەردە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، ئىلىم پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1719-يىلى دۆلىتىگە قايتقان. كاربوۋ فىزىكاخىمىيە تەتقىقات ئورنى، سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادىمىيىسى باخ بىئوخىمىيە تەتقىقات ئورنىنى تەشكىللىگەن. ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆمۈرگە ئايلىنىش رولى، ھەرخىل بىئولوگىيىلىك ھۈجەيرىلەرنىڭ كىسلاتالىشىش جەريانىنى ھەمدە ئېچىتىش رولىنى تەتقىق قىلىپ، ئاستا ئوكسىدلىنىش جەريانىدىكى ھىدروكسىدلىنىش تەلىماتىنى تاماملىغان. ئۇنىڭ ئېچىتقۇ ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى تىبابەتچىلىك، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېمەكلىكلەر سانائىتىگە تۆھپە قوشقان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
بالىنى باغرىغا بېسىش، قۇچاقلاش ھالەت تەقلىدى.
باخ ئەتمەك.