UyghurMain Dictionary
باۋارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى
Domain: دۇنيا تارىخىيەنە ميۇنخېن سوۋېت جۇمھۇرىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىنقىلابى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەندە، باۋارىيە شتاتىدىكى پرولېتارلار پايتەخت ميۇنخېندا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، كومپارتىيە ئەزالىرى باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنغان، سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇرژۇئازىيىنى قورالسىزلاندۇرۇپ، قىزىل گۋار - دىيىچىلەر بىلەن قىزىل ئارمىيە تەشكىللىگەن ھەمدە ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى، تەقسىماتنى نازارەت قىلىشىنى يولغا قويغان، بانكا ۋە تۆمۈريولنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋالغان. بىراق ئىشچى - دېھقانلار ئىتتتىپاقىنى مۇستەھكەملىمىگەنلىكى ۋە ئەكسىلئىنقىلابنى تەلتۆكۈس باستۇرمىغانلىقى، مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭچىلىرى يەن ئىچكى قىسىمدا بۇزغۇنچىلىق قىلىنغانلىقىدىن،5-ئاينىڭ 1-كۈنى فېدېراتىپ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابى ئاخىرلاشقان.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.