UyghurMain Dictionary
باتۇرلۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باتۇر - قەھرىماننىڭ ئىش - پائالىيىتى، خىسلىتى.
ئۆلۈمگىمۇ باتۇرلۇق كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن ئۆلگەن يىگىتىكە ئانىسى يىغلىماس قەھرىمانلىق بىلەكتە ئەمەس، يۈرەكتە. قەيسەرلىك بەخىتكە باشلايدۇ. تەقدىرمۇ قەيسەرلىكنى قوللايدۇ. مەردلىك _ مەرھەمەتلىك ئىش. جەسۇرلۇق ئۇلۇغ خىسلەت. جەسۇرلۇق زوراۋانلىقنى يېڭەر. ئەقىللىقنىڭ جاسارەتلىك بولۇشى ناتايىن. ئىشنى غەيۇرلۇق بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان خىسلەت.
قورققاقلىق، قورقۇنچاقلىق، توخۇ يۈرەكلىك
ھەممە نېمىدىن قورقىدىغان ئىللەت.
باتۇرلۇق بىلەكتە ئەمەس، يۈرەكتە. باتۇرلۇق بىلەن ئۆلگەن يىگىتكە ئانىسى يىغلىماس. تەقدىر قەھرىمانلىقنى قوللايدۇ. ئەرلىك ئەلدىن ئالقىش ئالىدۇ. باتۇرلۇق ئادەمنى كۆككە چىقىرار، قورققاقلىق زىندانغا سالار. قورقۇنچاقلىق بىلەن ئىش تاڭ ئاتمايدۇ. توخۇ يۈرەكلىك قىلساڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ خار قىلىسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
باتۇرلارغا خاس ئىش، خىسلەت.
باتۇرلۇق قىلماق. باتۇرلۇق كۆرسەتمەك.