Uyghur←ChineseMain Dictionary
باس - تېر شەھىرى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر巴斯特尔市
bā sī tè ěr shì
غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى گۋادېلۇپا ئارىلىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر ئارالنىڭ غەربىي جەنۇبى دېڭىز ياقىسىغا، سۇفىدىئېر يانار تېغىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان. ئاھالىسى 13 مىڭ 656 (1981) گە يېتىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپىنى نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكى خەلقلەر بىلەن نېگىرلار تەشكىل قىلىدۇ. بۇ شەھەر 1643 - يىلى سېلىنغان. شەھەرگە كوفې، كاكائو، پۇراقلىق ماتېرىياللار يىغىلىپ تارقىتىلىدۇ، پورت ئارقىلىق كوفې، كاكائو، پۇراقلىق ماتېرىياللار، شېكەر، بانان، لائور دەرىخى قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. سىرتقى سودىدا فرانسىيە، ئا ق ش مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.