UyghurMain Dictionary
باسما
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خەت - سۈرەتلەرنى قۇيما ھەرپلەر بىلەن تىزىپ، ماي سۈرتۈپ قەغەزگە چۈشۈرۈش سەنئىتى.
تەييارلانغان ماقالىلار باسمىغا بېرىلدى. مەيبەئە ئۇيغۇرلاردا قەدىمكى زاماندىلا پەيدا بولغان. مىخ مەتبەئە سەنئىتى ياۋروپاغا ئۇيغۇرلاردىن تارقالغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. مەتبەئەدە بېسىلغان، نەشر قىلىنغان.
باسما ماتېرىيال.
سۈپ. بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە ئىزى، شەكلى چۈشۈرۈلگەن.
باسما كىگىز، باسما گۈل.
ئى <مەت> مەتبەئە.
ماقالىلار باسمىغا بېرىلدى.
ئى. زاۋۇتتا پاختا يىپتىن نېپىز، گۈللۈك قىلىپ توقۇلغان بىر خىل رەخت.
ئاق باسما، يېشىل باسما، كۆڭلەك كىيسەم ياراشماس، ئايرىۋەتتى يارىمدىن، ئىچى يامان كۆرەلمەس.