Chinese→UyghurMain Dictionary
八思哈制度
تارىخ
bā sī hā zhì dù
باسقاق تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
باسقاق تۈزۈمى
ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە موڭغۇلىيە ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ئولپان يىغقۇچى ئەلچىلىرىنىڭ روسىيىدە قۇرغان بىر خىل ھەربىي - سىياسىي تەشكىلاتى. باسقاق ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، موڭغۇلچە دارۇغاچ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاش. 1257-يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەمەلدار ئەۋەتىپ، نوپۇسنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئولپان بېجىنى، ترانسپورت سېلىقى ۋە ھەربىي سېلىقنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلغان. باجنىڭ تاپشۇرۇلۇشى، سېلىقنىڭ ئادا قىلىنىشى ئۈستىدە ئۇزاق مۇددەت قاتتىق نازارەت قىلىپ ۋە ئاھالىلەرنى تەكشۈرۈپ، پۈتۈكۈل روسىيىگە بولغان سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى زورلۇق ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، روسىيە خەلقىنى ئون تۈتۈن، 100 تۈتۈن، 1000 تۈتۈن ۋە 10 مىڭ تۈتۈن بويىچە تەشكىللەپ ھەمدە ئۇلارنى باشقۇرۇشقا ئەمەلدار قويغان. بۇنداق ئالاھىدە ھەربىي - سىياسىي تەشكىلات باسقاقنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى شەرت ئىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى موڭغۇللار ئىدى. بۇ تۈزۈم 1257-يىلى ۋلادىمىر سوزدال رايونىدا ئاۋۋال يولغا قويۇلۇپ، كېيىن ھەرقايسى جايلاردا ئومۇملاشتۇرۇلغان. نوۋگورود، روستوۋ، سوزدال قاتارلىق جايلاردىكى روسىيە خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقى ئارقىسىدا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا باج يىغىش ھوقۇقىنى روسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بەگ - كىنەزلەرنىڭ ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە كەلگەندە يەنە باسقاق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان.