UyghurMain Dictionary
باشلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم («باش» قا سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان).
1 . ئائىلە، ئىدارە، جەمئىيەت، دۆلەت قاتارلىقلارغا باشچىلىق قىلىدىغان كىشى، رەھبەر، لېدىر.
ئىدارىمىزنىڭ باشلىقى ئوبدان ئادەم. * يېقىندا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشى بېشكەتتە ئۆتكۈزۈلدى.
2 . سۈپەت. باشچىلىقىدىكى، قاتارلىق. بۈگۈنكى مەجلىسكە ئەخمەد باشلىق بەش كىشى قاتناشتى.
3 . سۈپەت. بېشى بار، باشقا ئىگە. مېنى پەزىلەت، ئاق باشلىق بوۋا، دەيدۇ. * ئالتۇن باشلىق ئاتاڭ بىلەن قالغۇچە، پاخما باشلىق ئاناڭ بىلەن قال (ماقال).
4 . سۈپەت. شىنىل، يامغۇرلۇق چاپان قاتارلىق كىيىملەرنىڭ باشقا كىيىدىغان قىسمى. يامغۇرلۇق چاپىنىمنىڭ باشلىقىنى تاپالمىدىم.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاياغ كىيىمنىڭ يۈزىنى قاپلاپ تۇرىدىغان قىسمى.
ئۆتۈكۈمگە باشلىق سالدۇردۇم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت، رايون، ئىدارە، پارتىيە، تەشكىلات، يىغىن ۋە ئائىلىنى باشقۇرغۇچى شەخس.
«رەئىس» ۋەزىپە نامى. «رەھبەر» «باشلىق» لار مەۋھۇم.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى؛ پارتىيە رەئىسى؛ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى. ئىدارە رەھبىرى؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر. ئىدارە باشلىقى؛ ئائىلە باشلىقى.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
رەتلىك، تەرتىپلىك، جاي - جايىدا، مەسىلەن: ئۆي دېگەن باشلىققىنە بولسا نىمىدېگەن ياخشى!
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. باشچىلىق قىلغۇچى مەسئۇل كىشى؛ رەھبەر.
ئائىلە باشلىقى. ئىدارە باشلىقى.
سۈپ. باشچىلىقىدىكى، يېتەكچىلىكىدىكى، ۋەكىللىكىدىكى.
بۇ يەرگە ساۋۇت باشلىق ۋە سېخ مەسئۇللىرىمۇ كەلگەنىدى.
سۈپ. بېشى (كاللىسى) بار، باشقا ئىگە.
ئاق باشلىق بوۋاي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خالات، يامغۇرلۇق قاتارلىق كىيىمنىڭ يۈزىنى قاپلاشقا ئىشلىتىلىدىغان رەخت.