UyghurMain Dictionary
باش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . گەۋدىسىنىڭ بويۇنىدىن يۇقىرى، ھايۋان بەدىنىنىڭ بويۇندىن ئالدىنقى قىسمى، كاللا.
سوقا باش، گىلدىڭ باش، ئايدىڭ باش. * باش لىڭشىتماق، باش چايقىماق، باش ئاتماق. باش بېقىشماق، باش تارتماق، باش ئەگمەك. * باش ئۈستىگە، باش كۆتۈرمەك، باش تولغىماق، باش تىقماق، باش چۈشمەك. باش قويماق، بېشىم بىلەن، بېشى پىشماق. * باشتىن ئۆرىمەك، باشتىن تۈتۈن چىقماق، باشتىن ياغاچ ئوشۇتماق. * باشقا بالا بولماق، باشقا بەخت قۇشى قونماق، باشقا چىقماق، باشقا كىيمەك. * بېشىدا ئوت كۆيمەك، بېشىدا ياڭاق چاقماق، بېشىدا بولماق، بېشىدا تۇرماق. * بېشىدىن قورقماق، بېشىغا چاڭگا تىزماق، بېشىغا تاڭماق، بېشىغا سۇقويماق، بېشىغا سىركە سېلىۋالماق، بېشىنى سىلىماق، بېشى ئوچۇق، بېشى باغلاقلىق، بېشىنى قولتۇققا قىسىپ. * بېشىنى يەيدىغان. * باشقا كەلگەندە، باش قاشلاپتۇ (ماقال). * ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا (ماقال). ئەقىلسىز باشنىڭ دەردىنى پۇت تارتىدۇ (ماقال). * بېشى باش، پاقالچىقى تاش (ماقال).
2 . تىك ئۆرە نەرسىلەرنىڭ چوققىسى، ئۇچى. تاغ بېشى، دەرەخ بېشى، تام بېشى.
3 . جاي ۋە ئورۇننىڭ دەل ئۈستى. ئېتىز بېشى، ئېرىق بېشى، بۇلاق بېشى.
4 . ئىش - ھەرىكەتنىڭ باشلانغان ۋاقتى، جايى، يۇقىرىسى. يىل بېشى، گەپنىڭ بېشى، ساينىڭ بېشى، دەريانىڭ بېشى، ئىشنىڭ بېشى. * يىلنىڭ بېشىدىن قورقما، بەشىدىن قورق (ماقال). * يېرىڭ تاش بولسىمۇ، ئېچىقىڭ باش بولسۇن (ماقال).
5 . بەزى زىرائەتلەر ۋە كۆكتاتلارنىڭ كاللەك ھوسۇلى، مېۋىسى. باش ئالماق، باش تەرمەك، باش پىياز. * بىر تال باش _ بىر قوشۇق ئاش (ماقال). * پىيازنىڭ كۆكىگە قارىما، بېشىغا قارا (ماقال).
6 . باشلىق، يېتەكچى، رەھبەر. يىگىت بېشى، يۈز بېشى، كۆكبېشى. * ئېشەككە باش بولساڭمۇ، دۈشمەنگە تاش يول (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . بىرىنچى.
باش بارماق، باش كۆۋرۈك.
2 . بىرەر كەسىپ، ساھەدە مەرتىۋىسى يۇقىرى، رەھبەرلىك ئورۇندا تۇرىدىغان. باش شۇجى، باش كاتىپ. * باش ئىنژېنېر، باش دوختۇر، باش ئەلچى، باش بوغالتىر، باش تېخنىك، باش ساقچى، باش سوتچى، باش شتاب، باش رول، باش قوماندان.
3 . ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسلىق. باش ۋەزىپە، باش بۆلەك، باش كېلىش، باش لۇشيەن. * باش جىنايەتچى، باش ماقالە، باش ياچېيكا، باش شىركەت.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
ئاۋۋال، ئىلگىرى، دەسلەپ، بۇرۇن.
باشتا شالدۇر - شۇلدۇر، ئاخىرىدا شىلدىر - شىلدىر (ماقال). * ئىشنىڭ بېشى بىسمىللا (ماقال). * باشتا گەپ بولسا، ئاياغدا چاتاق يوق (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ.
بىر باش پىياز، سەككىز باش سەۋزە. * تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپمىقى بىر باش پىياز (ماقال).
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قاچا، يارا، جاراھەت؛ باش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەزى زىرائەت ۋە كۆكتاتلارنىڭ ھوسۇلى.
باش پىياز. بۇغداي باش ئاپتۇ. باشاق ساتما، چاناق سانا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋان بەدىنىنىڭ كۆز، قۇلاق، ئېغىز، بۇرۇن قاتارلىق ئەزالار ئورناشقان قىسىمى.
باش - شىراق. ھەر باشمۇ دوپپىغا ئەرزىۋەرمەيدۇ. باشقا كەلگەندە باش قاشلاپتۇ. كاللا - پاقالچاق. كاللا دېسە، پاقالچاق دەپتۇ. ھەر كەللىدا بىر خىيال، تاز كاللىدا مىڭ خىيال.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىتائەت قىلماق، ئەل بولماق.
ياۋاش باش ئەگمىگەن يەردە، سەن تىزىڭنى پۈكمە. تىز پۈكۈپ ياشىغاندىن ئۆرە تۇرۇپ ئۆلگەن ئەلا. زالىمغا بويسۇنما. بويتاققا بوي بەرمە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېزىقتا ماقالە ۋە ئەسەرلەرنىڭ ھەربىر ئابزاسى باشلانغان قۇر.
باش قۇردىن باشلا. يېڭى يولدىن يېزىلغان جۈملە. قۇربېشى بىر ئابزاسنىڭ باشلىنىدىغان يېرى بولۇپ، ئابزاس خاس مەزمۇنغا ئىگە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆيلەنمىگەن ياكى خوتۇنىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالغان ئەر.
بويتاقنىڭ ئەقلى ئىككى كۆزىدە. پارىژ شەھەىردىكى 3 مىليون ئاھالىنىڭ 1 مىليون300 ،مىڭى بويتاق - تول ئىكەن. گۆش داڭقانغا تۇشلۇق، قىزىم سالتاڭغا. ساياق يۈرگەن تاياق يەر. ئەلگەكتە سۇ تۇرماس، ساياقتا پۇل. يالغۇز باش يېنىدىكى يېقىندىن يىراق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئالدىنقى رېتى.
كېيىن ، ئاندىن، بەداز، ئاخىر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئارقىدىكى رېتى.
ئاۋۋال ئىشلە. كېيىن ئوينا. ئاۋۋال ئويلا، ئاندىن سۆزلە. ئاۋۋال تائام، بەداز كالام. ئىلگىرى تاغ ئايلىنىپ كەلسە، ھازىر باغ ئايلىنىپ كېلىدۇ. ئاخىرىدا كۈلگەن ھەقىقىي كۈلىدۇ. باشتا باشلاپ، ئاخىرىدا تاشلاپتۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يارا، جاراھەت.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: كۆنى بارىر كەيىكنىڭ كۆزىندە ئازىن باشى يوق _ توغرا كەتكەن كېيىكنىڭ كۆزىدىن باشقا يارىسى يوق، يەنى ئىككى تەرىپىگە قارىماي، ئۇدۇل كېتىۋاتقان كېيىكنىڭ كۆزىدىن باشقا يارىسى يوق. بۇ، كۆز ھەقىقەتتە يارا ئەمەس دېگەنلىكتۇر. بۇ ماقال ئېغىر ئىشقا يولۇقۇپ، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان كىشىگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 207
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① ئەقىللىق؛ ② بىرىنچى، ئاۋۋال
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئادەم بەدىنىنىڭ بويۇندىن يۇقىرى، ھايۋان بەدىنىنىڭ بويۇندىن ئالدىنقى يەنى كۆز، قۇلاق، ئېغىز، بۇرۇن قاتارلىق ئەزالار ئورۇنلاشقان قىسمى؛ كاللا.
سوقا باش، گىلدىڭ باش.
ئى. تىك، ئۆرە نەرسىلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپى؛ چوققىسى.
تاغ بېشى. دەرەخ بېشى. تونۇر بېشى.
ئى. باشلىق، رەھبەر.
ھوشۇر بەگ سەردارنى ئۇلارغا باش قىلىپ، ئىرولغا ماڭدۇردى.
سۈپ. بىرەر كەسىپ ياكى ساھەدە باشقىلارغا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئورنى باشقىلاردىن يۇقىرى.
باش كاتىپ. باش ئىنژېنېر.
سۈپ. ئەڭ مۇھىم، ئاساسىي.
باش بۆلەك (گرامماتىكىدا)، باش ۋەزىپە.
ئى. كۆچمە. مېڭە، ئەقىل، ھوش، زېھىن، كۆڭۈل.
ئۇنىڭ بېشى جايىدا ئەمەس، بولمىسا ئاشۇنداق گەپ قىلامدۇ؟ * بېشىڭ نەگە كەتتى؟
ئى. كۆچمە. كىشى، ئادەم، جان، ئۆز.
- بېشىڭنى ئېلىپ بۇ يەردىن چىقىپ كەت، - دەپتۇ ئايال ھاممال.
رەۋ. ئاۋۋال، بۇرۇن، دەسلەپ، ئىلگىرى.
يارنىڭ ئۆيى باغراشتا، بەلگىسى قارا قاشتا، ئانچە مەيلىڭ بولمىسا، نېمىشقا ئوينىغان باشتا.
سۈپ. بىرىنچى.
باش كۆۋرۈك. باش بارماق.
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ.
بىر باش پىياز. ئىككى باش چامغۇر. ئون باش قوناق.
ئى. ئەسىر، يىل، پەسىل، ئاي، كۈن، گەپ - سۆز قاتارلىقلار ياكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ باشلانغان جايى، قىسمى؛ يۇقىرى تەرىپى.
يىلنىڭ بېشى، گەپنى بېشى. ساينىڭ بېشى. دەريانىڭ بېشى.
ئى. بەزى زىرائەت ۋە كۆكتاتلارنىڭ كاللەك بولىدىغان مېۋىسى، ھوسۇلى، باشاق.
باش تەرمەك.
باش پىياز.
ئى. چاچ.
باش ئاقارماق، باش چۈشۈرتمەك.
ئى. بەزى ئىسىملار بىلەن بىرىكىپ شۇ ئىسىم ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن نەرسىنى ياكى شۇ نەرسە ئورۇنلاشقان جاينى بىلدۈرىدۇ.
ئېتىز بېشى. ئېرىق بېشى.