UyghurMain Dictionary
بارۇژا
دۇنيا تارىخى
(1872 |- 1956) ئىسپانىيىدىكى باسىك مىللىتىدىن چىققان يازغۇچى. ئۇ، سان سېتىياندا دۇنياغا كەلگەن. دوختۇر، بولكا دۇكىنى خوجايىنى، ئاخبارات خىزمەتچىسى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، (1898-يىلدىكى بىر ئەۋلاد< يازغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ قالغان، كاتولىك دىنىغا قارشى تۇرغان، ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەتتىن نارازى بولغان، ئىنكارچىىق ئىديىسىدە بولغان. ئىسپانىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئىنقىلابقا قارىتا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان. فرانسىيىگە بېرىپ پاناھلانغان. ئۇ 80 دىن كۆپرەك رومان ۋە ئون نەچچە توم ماقالە يازغان بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ مەزمۇنىدا باسىكلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئىسپانىيە پادىشاھى چارلېس Ⅰ نىڭ ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن ئۈچ قىسىملىق « ھاياتلىق ئۈچۈن رىقابەت» تارىخى رومان «بىر پائالىيەتچىنىڭ ئەسلىمىسى» قاتارلىقلار بار.