Uyghur←ChineseMain Dictionary
بارتوۋ
دۇنيا تارىخى
巴尔都
bā ěr dōu
(1862 - 1934). فرانسىيە زۇڭلىسى (1913)، فرانسۇز پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى (1918-يىلى).1884-يىلى ئادۋوكاتلار مۇلازىمەت ئورنى قۇرغان. 1889-يىلىدىن باشلاپ پالاتا ئەزاسى 1922-يىلىدىن باشلاپ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. جامائەت قۇرۇلۇشى مىنىستىرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، ئەدلىيە مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپلەردە بولغان. قىسقا مۇددەت زۇڭلى بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ھەربىي كۈچنى كۈچەيكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. 1919-يىلى پارىژ سۈلھ كېلىشىمىگە قاتناشقان. 1922-يىلى فرانسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، گېنويە يىغىنىغا قاتناشقان. تۆلەم تۆلەش مەسىلىسىدە گېرمانىيىگە نىسبەتەن قاتتىق پوزىتسىيىدە بولغان ھەمدە كىچىك ئانتانتا دۆلەتلىرى قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى فرانسىيىنىڭ ياۋروپادىكى ستراتېگىيىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن. 1934-يىلى 2-ئايدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمدە شەرقىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بىرلىشىشنى <شەرق ئەھدىنامىسى> تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان؛ شۇ يىلى 10-ئايدا، ئېكسكۇرسىيىگە كەلگەن يۇگوسلاۋىيە پادىشاھى ئالېكساندر Ⅰ بىلەن بىللە مارسېلدا سۇيىقەستكە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ <ھاياتىمدىكى سەيلە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
巴托〈德、美〉
bā tuō 〈dé 、měi 〉