Uyghur←ChineseMain Dictionary
بارراس
دۇنيا تارىخى
巴拉斯
bā lā sī
(1755 - 1829). فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگلىدە تۇمۇز ئاي پارتىيىسىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1789-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، باستىلىيە تۈرمىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقان، كېيىن ياكوبىنچىلار كۇبىغا قاتناشقان. 1792-يىلى خەلق ئۇيۇشمىسىغا سايلىنىپ، لۇئى ⅩⅥ نى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنى قوللىغان. 1793-يىلى خەلق ئۇيۇشمىسىنىڭ مەخسۇس خادىمى بولۇپ، قوشۇننى باشلاپ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا روبىسپېررې قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئالغان. تۈمۈر ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئىچكى قوغدىنىش ئارمىيىىسنىڭ قوماندانى بولغان ھەمدە ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ۋە خەلق ئۇيۇشمىسىدا مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان. پارىژ خەلقىنىڭ يېڭى ئاي قوغىلىڭى ۋە چوپان ئاي قوزغىلىڭىنى باستۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناپولېئوننى ئىشقا قويۇپ، خانپەرەسلەرنىڭ ئۈزۈم پىششىقى ئېيىنىڭ 13-كۈنىدىكى توپىلىڭىنى تىنچىتقان. 1795-يىلى 11-ئايدا بەش نەپەر تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بىرى بولغان 1797-يىلى مېۋە پىششىقى ئېيىنىڭ 18-كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭ چوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. 1799-يىلى تۇمانلىق ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان، شۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن قايتا شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ <ئەسلىمە> ناملىق ئەسىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
巴拉斯〈巴西、哥伦〉
bā lā sī 〈bā xī 、gē lún 〉