Uyghur←ChineseMain Dictionary
باربېس
Domain: دۇنيا تارىخى巴尔贝斯
bā ěr bèi sī
(1809 - 1870) فرانسىيىلىك ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتچىسى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا بلانكى بىلەن بىرلىكتە مەخپىي ھالدا ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى، تۆت پەسىل جەمئىيىتى قاتارلىق ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنى قۇرغان. 1839-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى تۆت پەسىل جەمئىيىتى قوزغىغان قوزغىلاڭغا قاتناشقان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. 1848-يىلقى ئىنقىلاب مەزگىلىدە قويۇپ بېرىلىپ، ئىنقىلابىي كولوبنىڭ رەئىسى بولغان. شۇ يىلى باھاردا يلانكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان. 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى ئىشچىلارنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشىغا قارشى تۇرغان. ئەما 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىغا قارشى نامايىشقا قاتناشقان، نەتىجىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1854-يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن بېلگىيىدە سەرگەردان بولۇپ، گوللاندىيىدە ئۆلگەن. ئۇنىڭ <ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئىككى كۈن> دېگەن ئەسىر بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.