Uyghur←ChineseMain Dictionary
بارباروسا پىلانى
Domain: دۇنيا تارىخى巴巴洛萨计划
bā bā luò sà jì huà
فاشسىت گېرمانىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇش پىلانى. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى پادىشاھى فرېدىرىخ Ⅰ نىڭ لەقىمى <باراباروسا> (يەنى قىزىل ساقال) شەرتلىك بەلگە قىلىنغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1940-يىلى فرانسىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، گىتلېر 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تۈزۈشكە مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈرگەن. 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى براخىشسىخ گىتلېرغا مەلۇم قىلغان. 12-ئاينىڭ 18-كۈنى <بارباروسا> شەرتلىك بەلگىسى بىلەن رەسمىي چۈشۈرۈلگەن. ئۇ، <چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش> تاكتىكىسىنى ئاساس قىلغان. ھۇجۇم قىلىش، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئىشغال قىلىش ۋە پارچىلاپ تاشلاشتىن ئىبارەت بىر يۈرۈش پىلانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، 1941-يىلى 6-ئايدا، گېرمان ئارمىيىسى مۇشۇ پىلان بويىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغاپ، بىر مۇنچە زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ۋە خەلقلىرىنىڭ باتۇرلارچە قارشىلىلق كۆرسىتىشى بىلەن، بۇ پىلان يىل ئاخىرىغا بارغاندا بەرپا بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.