UyghurMain Dictionary
بار
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . مەۋجۇت. ئانتونىمى: يوق.
جان بار يەردە قازا بار (ماقال). 8 سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق، ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق (ماقال). * بار دەپ تۆكمە، يوق دەپ كۆپمە. * بازاردا بار گەپ. * بارنى تەڭ كۆرەيلى.
مال - دۇنيا ھەسرىتى قىلمىسۇن ئەبگار،
مەڭگۈ ئۆلمەس كىشى، قېنى نەدە بار؟
2 . كۆپ بايلىققا ئىگە، قول، ئىلكىدە بار، باي، دۆلەتمەن. بار ماختانسا ئېچىلىدۇ، يوق ماختانسا چېچىلىدۇ (ماقال). * يوقنىڭ بىر دەردى بار، بارنىڭ مىڭ دەردى بار (ماقال). * بارنىڭ مايىقى، يوقنىڭ تايىقى (ماقال). * باردا پولدۇرۇڭ - پولدۇرۇڭ، يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ (ماقال).
3 . ھەممە، جەمئىي، بارلىق. ئۇ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرىدى. * ئۇ بار كۈچىنى چىقاردى.
ئېگىز تاغقا چىققاندا، قولىڭىزنى مەن تارتقان،
بار ئويۇننى سىز ئويناپ، دەردىڭىزنى مەن تارتقان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاسترونومىيە، فىزىكا ئاتالغۇسى، بېسىم ئۆلچەم بىرلىكى.
بىر بار ھەر بىر كۋادرات سانتىمېتىر يۈزگە چۈشكەن بىر مىليون دىنا تەسىر كۈچنىڭ بېسىمىغا تەڭ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
بارماق، بېرىش. 1 . بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغا يۆلەنمەك، يۈرمەك.
بۇغداي ئاخىر تۈگمەنگە بارىدۇ (ماقال). * بارمايمەن دېگەن يەتتە قېتىم بېرىپتۇ (ماقال).
بارسىلا، بىللە بارايلى، ئايرىلىپ قالغان يامان،
ئايرىلغانغا كىم ئۆلۈپتۇ، يولدا يالغۇزلۇق يامان.
2 . بىراۋنىڭ ئالدىغا قەدەم تەشرىپ قىلماق. ياخشى بولساڭ تويۇڭغا بارارمەن، يامان بولساڭ ئۆلۈمىڭگە بارارمەن (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
1 . «پ» لىك رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ تۆۋەندىكىچە قوشۇمچە مەنە بېرىدۇ: 1( ئىش - ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 2) ئىش - ھەرىكەتنىڭ پەيدىنپەي ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 3( ئىش - ھەرىكەتنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
1) مەن ناخشا ئېيتىپ باراتتىم، ئالدىمدىن توشقان چىقىپ قالدى، قورقۇپ كەتتىم. 2( تىل تارىخىي جەرياندا راۋاجلىنىپ، ئۆزگىرىپ بارىدۇ. 3) تۈنۈگۈن يېتىپ باردۇق.
2 . يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن سانلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، شۇ نەرسىنىڭ شۇ سان بىلدۈرگەن چەككە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ: شىركىتىمىزنىڭ سەرمايىسى ئىككى مىليون يۈەنگە بارىدۇ. * بانكىغا ئامانەت قويغان پۇلۇم بەش مىڭ يۈەنگە باردى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوقنىڭ تەتۈرى، ئەمەلىيەتتە تۇرغان، يوقالمىغان؛ ھازىر بار.
بار دەپ تۆكمە، يوق دەپ كۆپمە. بارنى ئايىماي، يوققا كايىماي. بارنى تەڭ كۆرىمىز. چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە. ئۆچمەس نام ئەخلاق بىلەنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھازىر، تەييار.
يوق
ھازىر ئەمەس.
بار دەپ تۆكمە، يوق دەپ كۆپمە. بار بولسا ھورى چىقىدۇ، يوق بولسا شورى. بارنى ئايىما، يوققا كايىما. <مەن> دە بار، <ئالەم> دە يوق ئۇ نېمە؟ - چېكىت. مەۋجۇت ئىكەنسەن بۇ دۇنيادا، غېمىنى يە بۇ دۇنيانىڭ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بار.
بىر نەرسىنىڭ بىر يەردە بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۆز. « سەندە يارماق بارمۇ _ سەندە يارماق (پۇل) بارمۇ» دەپ سورىسا، باشقا بىرسى « بار _ بار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ، ئەرەپچىدىكى «» سۆزىنىڭ ۋە تۈركچىدىكى « يوق _ يوق» سۆزىنىڭ تەتۈرى.
3 - 202
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بار يىگدە _ نان جىگدە.
3 - 202
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ماڭ، بار (بېرىشتىكى بار)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
مەۋجۇت؛ يوقنىڭ ئەكسى.
بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلانماق.
جان بار يەردە قازا بار (ماقال).
كۆپ ئىقتىسادقا، بايلىققا ئىگە بولغان؛
باي، دۆلەتمەن: بار بارنى قىلار، يوق نېمىنى قىلار (ماقال).
ھەممە، جەمئىي، بارلىق.
ئېگىز تاغقا چىققاندا، قولىڭىزنى مەن تارتقان، بار ئويۇننى سىز ئويناپ، دەردىڭىزنى مەن تارتقان.
ئورۇن كېلىشتە كەلگەن سۆز كېيىن خەۋەر ۋەزىپىسىدە كېلىپ: 1(مۆلچەرنى، چامىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇنىڭ يېشى يىگىرمىلەردە بار.
2) <قولىدىن كېلىدۇ>، <قىلالايدۇ>، <بىلىدۇ> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
پەرىدىگۈل دېگەن بالامنى خوتەننىڭ گۈلى دېسىلە، دۇتار، ئۇسسۇل، ناخشا … ھەممىسىدە بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
روسچە<لاتىنچە
فىزىكا
ئاتموسفېرانىڭ بېسىم بىرلىكى، بىر بار ھەربىر كۋادرات سانتىمېتىر يۈزگە چۈشكەن بىر مىليون دىنا تەسىر كۈچنىڭ بېسىمىغا تەڭ بولىدۇ، دېڭىز يۈزىدىكى ئاتموسفېرا بېسىمىمۇ تەخمىنەن بىر بارغا تەڭ