UyghurMain Dictionary
باق
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
باقماق، بېقىش. 1 . قارىماق، نەزەر سالماق.
كۈندۈزى گەپ قىلساڭ، ئەتراپىڭغا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ، قۇلاقنى ياق (ماقال). * كۆككە باقما، كۆپكە باق (ماقال).
2 . ساقلىماق، كۆزەتمەك. ئىشىك باقماق، خامان باقماق، قوغۇن باقماق.
3 . ئاغزىغا، قولىغا قاراپ قالماق. بايغا باققان قۇل بولار، گادايغا باققان گۈل بولار (ماقال). * باي بايغا باقىدۇ، سۇ سايغا ئاقىدۇ (ماقال).
4 . تەربىيلىمەك، خەۋەر ئالماق. بالا باقماق، كېسەل باقماق. * بالىنى بىر تاپىسەن، ئىككى باقىسەن (ماقال). * ھايۋان بالىسىنى باقساڭ، ئاغزى - بۇرنۇڭنى ياغ قىلىدۇ، ئادەم بالىسىنى باقساڭ، ئاغزى - بۇرنۇڭنى قان قىلىدۇ (ماقال).
5 . ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۆي قۇشلىرىنى ئۆگەتمەك، ئوتلاتماق، دانلاتماق ۋە پەرۋىش قىلماق. قوي باقماق، توخۇ باقماق، قۇش باقماق. * پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق (ماقال).
6 . مۇۋاپىقلاشقان، ماسلاشقان ھالدا ئىش كۆرمەك. ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت (ماقال). * زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق (ماقال). * ئۇ يانغا باق، بۇ يانغا باق، ئەتىگەن تۇرۇپ، قوشناڭغا باق (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
باقماق، بېقىش. تۇتۇپ ئۆلتۈرمەك. «پىت باقماق»، «باش باقماق» دېگەن سۆز بىرىكمىلىرىدە كېلىدۇ.
مەدداھ سۆز سېتىشتىن قورقمايدۇ. ھورۇن پىت بېقىشتىن (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
باقماق، بېقىش. «ئالماق» قا ئوخشاش: يېمەك، ئىچمەك.
_ مەزەگە باقسىلا!
_ ئوبدان باقتۇق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ سىناش، تەكشۈرۈش مەقسىتىدە قىلىنىشنى بىلدۈرىدۇ.
يەپ باقماق، تېتىپ باقماق. * كەمبەغەل بولساڭ، كۆچۈپ باق (ماقال). * نەشپۈتنىڭ تەمىنى بىلەي دېسەڭ، تېتىپ باق.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<باغ> قا قاراڭ