Chinese→UyghurMain Dictionary
瓣鳃纲
ئۇنىۋېرسال
bàn sāi gāng
تەخسىسىمان ساقاقلىقلار سىنىپى
Dتەبىئىي جۇغراپىيە
bàn sāi gāng
لامېللىبرانىسيە، تەخىسسمان ساقاللىقلار
بىئولوگىيە
كلاپان ژابرالىقلار سىنىپى
مولليۇسكلار تىپىدىكى بىر سىنىپ. تېنى يېنىغا ياپىلاق، ئوڭ - سول سىممېترىك. ئىككى پارچە سىرتقى غىلاپ پەردىسى ئىككى ياندىن جۈپلىشىپ پۈتۈن گەۋدىسىنى يېپىپ تۇرىدۇ ھەمدە ئۇ ئاجرىتىپ چىقارغان ئاجرالمىلار بىلەن ئوڭ - سول ئىككى قاپچۇق شەكىللەنگەن. ئىككى قاپچۇقنىڭ دۈمبە گىرۋىكى سىڭىر (باغلىغۇچ) ئارقىلىق ئۆزئارا تۇتىشىپ، قورساق گىرۋىكى ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە تەرەققىي قىلغان مۇسكۇل باغلىمى ئىككى قاپچۇقنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ، قىسقارغاندا ئىككى قاپچۇق يېپىلىدۇ، بوشاشقاندا دۈمبە گىرۋەك سىڭىرىنىڭ ئېلاستىكلىق ھەرىكەتلىنىشى نەتىجىسىدە ئىككى قاپچۇق ئېچىلىدۇ. باش قىسمى رۇدىمېنتلاشقان، ئانتېننىسى ۋە سەزگۈ ئورگانلىرى بولمايدۇ. بەدىنىنىڭ ئىككى يېنىدا بىر جۈپتىن كلاپان ژابراسى بولغاچقا شۇنداق نام بېرىلگەن. پۇتى پالتا شەكىللىك، شۇڭا يەنە <پالتا پۇتلۇقلار> (pelecypoda) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەممىسى سۇدا ھايات كەچۈرىدۇ ۋە زور كۆپچىلىكى دېڭىزدا ياشايدۇ. بۇ سىنىپ ئانۇدونتا (چىشسىز قۇلۇلە ياكى دەريا قۇلۇلىسى)، چۈمچەك قۇلۇلە (ئۇسترىتسا)، ماكتىرا، ئاركا، كوربىكۇلا، پېترىيە (مەرۋايىت قۇلۇلىسى)، پىننا (شىناسىمان قۇلۇلە)، خىلامىس، تاش تەشكۈچ قۇلۇلىلەر، كېمە قۇرتى (تېرېدو)، سولىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.