UyghurMain Dictionary
بانېرجېئا
دۇنيا تارىخى
(1848 - 1925) ھىندىستان خەلق كونگىرېسى پارتىيىسىنىڭ مۆتىدىللەر يولباشچىسى. براخمان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كالكوتتا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 20 يېشىدا ھىندىستاندا مەمۇرىي ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. 1871-يىلى سىلخېت (ھازىر بېنگال تەۋەسىدە) شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1876-يىلى ئانادموخان بوسې قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە ھىندى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىققان. 1879-يىلى <بېنگاللار> گېزىتىنى چىقارغان. 1895-يىلى ۋە 1902-يىلى ئىككى قېتىم خەلق كونگىرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. بېنگال ئۆلكىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ۋە مەركىزىي قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1905-يىلى بېنگال خەلقنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. ئەنگلىيە ماللىرىغا تاقابىل تۇرۇشنى، <ئۆزى ئىشلەش> نى تەشەببۇس قىلغان. ئاممىۋى خاراكترلىك ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت ئىسلاھاتى ئارقىلىق ھىندى ئاپتونومىيىسىنى يولغا قويۇشنى تەكىتلىگەن. 1906-يىلى قولغا ئېلىنغان. 1919-يىلى مۆتىدىللەرنىڭ بىر قىسىم پېشقەدەملىرى بىلەن خەلق كونگىرېسى پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، لىبېراللار ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن. 1921-يىلى بېنگال ئۆلكىسى يەرلىك ئاپتونومىيە مىنىستىرى بولغان. ئۇنىڭ <بىر دۆلەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى> دېگەن تەرجىمىھالى بار.