Chinese→UyghurMain Dictionary
班诺尼亚
تارىخ
bān nuò ní yà
پاننونىيە
دۇنيا تارىخى
پاننونىيە
قەدىمكى يەر نامى. دۇناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدا (غەربىي شىمالدا گېرمانلار) غەربىي نورىكوم بىلەن، جەنۇبى ئىللىرىيە بىلەن، شەرقىي مىسىيە ۋە داسىيە بىلەن تۇتىشىدۇ (داسىيە بىلەن دۇنيا دەرياسى ئايرىپ تۇرىدۇ). ئاھالىسى ئىللىرىيىلىكلەر بىلەن نەسىلداش دەپ قارالماقتا. رومانلار پاننونىلار دەپ ئاتايدۇ، قەيسەر، ئۇرۇشقا ماھىر، ئاۋگۇست (ئوكتاۋىئان) تەختتىكى مەزگىلىدە (مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرى - مىلادى 6- )ياكى 7-( يىلى پاننونىلار ىمغا قارشى تۇرۇش، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش چوڭ قوزغىلىڭى )تارىختا <پاننونىيە قوزغىلىڭى> دەپ ئاتىلىدۇ( نى قوزغاپ، يېقىن قوشنىسى بولغان ئىللىرىيە )دالماسىيا( دىكى قەبىللەر بىلەن بىرلەشكەن، تازا ئەۋج ئالغان چاغدا ئادەم سانى 100 - 200 مىڭغا يەتكەن؛ رىم ھۆكۈمرانلىرى ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن. تېبېرىئۇس )كېيىن پادىشاھ بولغان( ئەسكەر باشلاپ بېرىپ، توققۇز يىل جاپالىق جەڭ قىلىپ ئاران باستۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن رىم پاننونىيىنى ئۈلگە قىلىپ، نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن )يەتتە جۈنتۇەنگە يەتكەن( ساقلىغان، رىم كۆچمەنلىرى ۋە سودىگەرلىرى ھەرىدەك يېپىلىپ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن كەينى - كەينىدىن بىر تۈركۈم مۇستەملىكە شەھەرلەر مەيدانغا كەلگەن. تەخمىنەن 102 - 103-يىللىرى يەنە ئىككى ئۆلكىگە بۆلۈنگەن، غەربىي قىسمى يۇقىرىقى پاننونىيە ئۆلكىسى دەپ ئاتالغان، شەرقىي قىسمى تۆۋەنكى پاننونىيە ئۆلكىسى دەپ ئاتالغان. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، پاننونىيە يەنىلا ئۇنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم تايانچ بازىسى بولغان )گېرمانلار دائىم مۇشۇ ئەتراپتىن رىمغا ھۇجۇم قىلغان(. Ⅴ ئەسىردە بىر مەھەل ھونلار )ئاتتىلا( تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، كېيىن شەرقىي گوتلار ۋە لومباردلار كەينى - كەينىدىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.