Uyghur←ChineseMain Dictionary
بانكوۋىك
دۇنيا تارىخى
巴科维奇
bā kē wéi qí
(1857 - 1911). سېربىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى. ياغاچچى. ئىلگىرى چەت ئەللەردە ئىشلەۋاتقىنىدا سوتسىيالىزمچىلار بىلەن تونۇشقان، فرانسىيىلىك بلانكىچىلار شۋېتسارىيىلىك بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىكى باكۇنىنچىلار، روسىيىلىك ۋە پولشالىق ئىنقىلابچىلار ھەمدە پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيىلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقان. 1886-يىلى، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پولشادىن قوغلىنىپ، ۋەتىنىگە قايتقان. 1887-يىلى سەينىچ ( 姆.采尼契) بىلەن بىرلىكتە قول سانائەتچىلەر جەمئىيىتى قۇرغان. 1889-يىلى نىستا تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى قۇرۇش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1986-يىلى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنڭ لوندوندا ئېچىلغان تۆتىنچى قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. ئىككىنچى يىلى سېربىيە سوتسىيال دېموكراتلارنىڭ ژۇرنىلى <ئىشچىلار خەۋىرى> نى چىقارغان. 1903-يىلىدىن باشلاپ چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقاندا گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. كېيىن مەملىكىتىگە قايتىپ، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ خىزمىتىگە قاتناشقان. 1909-يىلى تۇنجى قېتىملىق بالقان سوتسىيالىزمچىلار ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتناشقان، سېربىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي جەھەتتە، ئىدىيە جەھەتتە ھەم تەشكىلىي جەھەتتىكى بىرلىكىنى قوغداشقا ۋە <يېڭى دەۋر> نىڭ ئاغمىچىلىق گۇرۇھىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە كۈچ چىقارغان.