Chinese→UyghurMain Dictionary
班克罗夫特
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
bān kè luó fū tè
بانكروفت
دۇنيا تارىخى
بانكروفت
(1) گېئورگې بانكروفت (1800 - 1891) ئامېرىكا تارىخشۇناسى. دەسلەپ خاراۋرد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن،. كېيىن گېرمانىيىگە بېرىپ ھېيدېلبېرگ، گېتتىنگېن، بېرلىن داشۆلىرىدە ئوقۇغان. دوستلىرى بىلەن ماسساچۇسېت شتاتىدىكى نوسانپوتوندا مەكتەپ تەسىس قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى، ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى، گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. ئۇنىڭ ئون توملۇق <ئامېرىكا تارىخى> دېگەن ئەسىر ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ بەرپا قىلىشىنى بايان قىلغان مەشھۇر ئەسەر. ئۇنىڭدىن باشقا <ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش تارىخى> دېگەن ئىككى توملۇق ئەسىرى بولۇپ ئۇ ئالدىنقى كىتابنىڭ قوشۇمچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (2) خۇبېرت بانكروفت (1832 - 8191). ئامېرىكا تارىخشۇناسى ۋە نەشرىياتچىسى. دەسلەپ كىتابخانىدا ئىشلىگەن. 1852-يىلى سان - فرانسىسكۇدا كىتابخانا ۋە نەشرىيات كارخانىسى تەسىس قىلغان. ھەر تەرەپتىن ماتېرىيال توپلاپ، <ئامېرىكا غەربىي قىسمنىڭ تارىخى مەجمۇئەسى> (<تىنچ ئوكيان بويىدىكى شتاتلار تارىخى>) دىن 39 توم تۈزگەن، ئۇنىڭ تۆتىنى ئۆزى يازغان، قالغانلىرىنى ياردەمچىلىرى يازغان. مەجمۇئەدە تىنچ ئوكيان ياقىسىدىكى رايونلارغا دەسلەپ كەلگەن كۆچمەنلەرگە ئائىت مول ماتېرىياللار ساقلانغان. ئۇنىڭ <يېڭى تىنچ ئوكيان>، <سىياسىي ۋە شەخس ھەققىدە ئەسلىمىلەر>، <كېيىنكى كۈنلەردە> دېگەنگە ئوخشاش ئەسەرلىرى.