UyghurMain Dictionary
باندارنايىك
دۇنيا تارىخى
(1899 - 1959). سەيلۇن (ھازىرقى سىرىلانكا) نىڭ زۇڭلىسى (1959 - 1956). كولومبۇدا تۇغۇلغان. ئوكسفورد داشۆسىدە قانۇن ئۆگەنگەن. لوندوندىكى ئوردا ئىچى ئادۋوكاتلار شۆيۈەنىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئادۋوكاتلىق لاياقىتىگە ئىگە بولغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن پائال تۈردە سىياسىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان، مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسىگە كىرگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولغان. 1931-يىلى دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان؛ 1936-يىلى يەرلىك مەمۇرىي مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1946-يىلى بىرلەشكەن مىللىي پارتىيىگە قاتناشقان. ياندۇرقى يىلى سەھىيە ۋە يەرلىك مەمۇرىي مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1951-يىل بىرلەشكەن مىللىي پارتىيىدىن چېكىنىپ چىققان ھەمدە مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، سىرىلانكا ئەركىنلىك پارتىيىسىنى قۇرغان ھەمدە رەئىس بولغان. 1952-يىلى ئاۋام پالاتاسىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ يولباشچىسى بولغان. 1956-يىلى تۆت پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقى بولغان<خەلق بىرلەشمە سېپى> نى ئۇيۇشتۇرۇپ، سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ غەلبە قىلغان. 4-ئايدا زۇڭلى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە مىللەتپەرۋەرلىك ۋە تىنچلىق بىتەرەپلىك ئاساسىدىكى ئىچكى تاشقى سىياسەتنى يولغا قويغان. جوڭگوسەيلۇن دوستلۇقىنى تەشەببۇس قىلغان. 1959-يىلى 9-ئايدا سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.