Uyghur←ChineseMain Dictionary
بامبۇك
بىئولوگىيە
竹
zhú
باشاقلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ياغاچلاشقان ئۇزۇن ياكى قىسقا يەر ئاستى غولى بولىدۇ. غولى ئادەتتە ياغاچلىشىدۇ، بوغۇملىرى ئېنىق، بوغۇم ئارىلىقى كاۋاك بولىدۇ. ئاساسىي غولىدىكى يوپۇرماق ئادەتتىكى يوپۇرماقتىن روشەن پەرقلىنىدۇ. غولىنىڭ ئۇچىدىكى يوپۇرماقنىڭ ئالىقىنى كىچىك بولۇپ ئوتتۇرا تومۇرى بولمايدۇ؛ ئادەتتىكى يوپۇرماقنىڭ قىسقا سېپى يوپۇرماق غىلىپى بىلەن تۇتىشىدىغان ئورۇندا بوغۇم بولىدۇ، شۇڭا يوپۇرماق غىلىپىدىن ئاسان ئاجرايدۇ. چېچەكلىمەيدۇ. جۇڭگودا بامبۇك تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەردىن تەخمىنەن 14 ئۇرۇقداش، 150 دىن ئارتۇق تۈرى بار. ئاساسەن چاڭجىياڭ ۋادىسى ھەمدە جەنۇب ۋە غەربىي جەنۇب قاتارلىق رايونلارغا تارقىلىدۇ. بامبۇكنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، بامبۇك شادىسى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. قەغەز ياساشنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى قىلىنىدۇ ياكى ھەر خىل سايمانلار توقۇلىدۇ؛ بامبۇك نوتىسى كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك كۆكتات ھېسابلىنىدۇ. چوڭ شەھەرلەردىكى باغچا ۋە ھويلا - ئاراملارغا تىكىپ مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.
ئۆسۈملۈك
竹子
zhú ziDدېھقانچىلىق
竹笋
zhú sǔnDئۇنىۋېرسال
岁寒三友
suì hán sān yǒuDيېزا ئىگىلىك
黄金间碧玉竹
huáng jīn jiān bì yù zhú
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
zhú zi
竹子