Uyghur←ChineseMain Dictionary
بالېۋا
دۇنيا تارىخى
巴勒瓦
bā lè wǎ
(1912 - 1966). نېگىرىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭلىسى (1960 - 1966). شىمالىي نېگىرىيىدىكى بائۇچى ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، خائۇسا مىللىتىدىن. ياش ۋاقتىدا اسىنا دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1944-يىلى مەكتەپ مۇدىرى بولغان. 4519-يىلى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ بىلىم ئاشۇرغان. ئىككىنچى يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. 1947 - 1951-يىللىرى مەركىزىي قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1951-يىلى شىمالدىكى خەلقنىڭ يىغىن پارتىيىسى قۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ، بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىس بولغان. 1952 - 5419-يىللىرى جامائەت قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى، 1955 - 1957-يىللىرى ترانسپورت مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى، 1957-يىلى باش مىنىستىر بولغان. 1960-يىلى نېگرىيە ئىتتىپاقى مۇستەقىللىك جاكارلاپ، زۇڭلى قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئەنگلىيە بىلەن ىئتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1966-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىبو مىللىتىدىن بولغان ئوفىتسېرلار قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۆلتۈرۈلگەن.