UyghurMain Dictionary
بالىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
بېلىق:
گەھى قەئر ئىچرە بالىق بىرلە ھەمساز،
گەھى مەۋج ئۈستىدە كۈن بىرلە ئەنباز.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
شەھەر، يۇرت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاھالىسى كۆپ، سودا - سانائەت تەرەققىي قىلغان رايون؛ يېزىغا نىسبەتەن ئاھالىسى دېھقانچىلىق قىلمايدۇ.
ئەل ئامان _ شەھىرىڭ ئامان. تاشكەنت تاش شەھەر دېمەكتۇر. بېشبالىق ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ يازلىق ئاستانىسى ئىدى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بېلىق.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: بالىق سۇۋدا كۆزى تاشتى _ بېلىق ئۆزى سۇدا، كۆزى تاشقىرىدا. بۇ ماقال بىر ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسلىككە سالىدىغان ئادەملەرگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 491
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
لاي.
ئارغۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۈچ ساكىنلىق تاۋۇشنى يانمۇ - يان كەلتۈرۈپ، « بالىق» دەيدۇ. تۈرك تىلىدا پەقەت ئىككى ساكىن بىر يەردە كېلەلەيدۇ. ئارغۇلارنىڭ تىلى سەل بۇزۇلغان.
ئارغۇلار ۋە بىر قىسىم ئوغۇزلار تىلىدا.
1 - 491
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا شەھەر، قەلئە. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى « بېش بالىق» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ «بەش شەھەر» دېگەن بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر شەھىرى « ياڭى بالىق» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ «يېڭى شەھەر» دېگەن بولىدۇ.
1 - 491
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بېلىق
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
شەھەر، دۆلەت؛ شەھەر ياكى دۆلەتكە تەڭ مەرتىۋىلىك ئەر. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.