UyghurMain Dictionary
بالىلار چۆچىكى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بالىلارنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكى ۋە تەلەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چۆچەكلەر. بالىلار چۆچەكلىرى باي تەسەۋۋۇر، خىلمۇ خىل ئوخشىتىش ھەم فانتازىيەلەشكەن بىر خىل ئەدەبىي شەكىلدۇر.
بالىلار چۆچەكلىرىدە ئۈمىدۋارلىق ھەم قەھرىمانلىق ئوبرازلار ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە ئىنتىلىش ئارزۇسىغا بەكمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. ياش ئۆسمۈرلەر بۇ خىل چۆچەكلەر بىلەن ئىدىيىدە ئىلغار، ئەل - يۇرتنى، ئەمگەكنى سۆيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرىدۇ.