Chinese→UyghurMain Dictionary
巴黎市政厅
دۇنيا تارىخى
پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالى
فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي. ئورنى پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى گرېيوف مەيدانىدا. 1533-يىلى ئىتالىيىلىك ئارخىتېكتور بوككادور (؟ - 1549) نىڭ لايىھىسىگە ئاساسەن سېلىنغان بولۇپ، 1628-يىل پۈتكەن. ناپولېئون ۋە لۇئى فىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە كېڭەيتىپ قۇرۇلغان. 1871-يىلى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. ھازىرقى ئىمارەت 1872 - 1882 - يىللىرى قايتا قۇرۇلغان. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدە پارىژ كوممۇنىسى تۇرۇشلۇق جاي ئىدى؛ 8481-يىلى فېۋرال ئىنقىلابى ۋە 1870-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتلەر مۇشۇ يەردە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكازلىغان؛ 1871-يىل 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى پرولېتارىيات دىكاتۇرىلىقىدىكى ھاكىمىيەت پارىژ كوممۇنسىمۇ مۇشۇ يەردە قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.