UyghurMain Dictionary
بالىياتقۇ
بىئولوگىيە
<ماتكا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ چىشى ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى مۇسكۇل خاراكتېرلىك بىر كاۋاك ئورگان. ئۇ ئوڭ - سول تۇخۇم توشۇغۇچى نەيچىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىنىڭ كېڭىيىشىدىن ياكى بىرىكىپ يوغىنىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ھامىلە ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ بالىياتقۇسى تۈزۈلۈشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تۆت خىل تىپقا بۆلۈنىدۇ؛ (1) قوش بالىياتقۇ، يەنى ئوڭ - سول ئىككى بالىياتقۇ ئۆز ئالدىغا ۋاگىناغا ئېغىز ئاچقان، مەسىلەن پىل ۋە توشقان قاتارلىقلار؛ (2) بۆلۈنمە (قوش) بالىياتقۇ، يەنى ئوڭ - سول بالىياتقۇلار يېقىنلىشىپ ئاخىرقى ئۇچى بىرىككەن ھەمدە ۋاگىناغا ئورتاق ئېغىز ئاچقان، مەسىلەن، چوشقا، كالا، قوي - ئۆچكە، چاشقان قاتارلىقلار؛ (3) ئاچىماق بالىياتقۇ، يەنى ئوڭ - سول بالىياتقۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بىرىككەن بولۇپ، ھەربىر بالىياتقۇدىن پەقەت بىر كىچىك بۇرجەكلا قالغان، مەسىلەن، ئىت، مۈشۈك، كىت قاتارلىقلار؛ (4) يەككە بالىياتقۇ يەنى ئوڭ - سول بالىياتقۇلار پۈتۈنلەي بىرلىشىپ كەتكەن، مەسىلەن، ئادەمسىمان مايمۇن قاتارلىقلار. ئادەمنىڭ بالىياتقۇسى يەككە بالىياتقۇ بولۇپ دوۋساق بىلەن توغرا ئۈچەينىڭ ئارىسىغا جايلاشقان، تەتۈر نەشپۈت شەكلىدە. دىۋارى قېلىن، مۇسكۇل قەۋىتى بار، بالاغەتكە يەتكەن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى دەۋرلىك ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ھەر 28 كۈن ئەتراپىدا بىر نۆۋەتتىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى چۈشۈش (سويۇلۇش) ھادىسىسى كۆرۈلۈپ شۇنىڭ بىلەن بىرگە قان كېلىدۇ - دە، ھەيز شەكىللەندۈرىدۇ. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ۋە مۇسكۇل قەۋەتلىرىنىڭ ھەممىسى قېلىنلاپ ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ماسلىشىدۇ، بوشانغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بالا + ياتقۇ
ئىسىم
ئاناتومىيە
ئاياللار ياكى سۈت ئەمگۈچى چىشى ھايۋانلارنىڭ تۆرەلمە يېتىلدۈرۈش ئەزاسى. شەكلى خالتىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ دوۋساق بىلەن تۈز ئۈچەينىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېغىزى جىنسىي يول بىلەن، ئاستىنىڭ ئىككى تەرىپى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. تۇخۇمدان ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن بالىياتقۇ ئىچىدە يېتىلىپ، تۆرەلمە بولۇپ شەكىللىنىدۇ.