UyghurMain Dictionary
بالدۇر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ۋاقىتىنىڭ باشلىنىش رېتى.
ئەرزان بەرگەن ئاۋۋال ساتار. ئاۋۋال ئويلا، كېيىن سۆزلە. ئالدى بىلەن ئېتىڭنى تاقىلا، ئاندىن يول ياقىلا. ئاتا - ئانىنى خارلىغان ئىلگىرى باسماس. بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن، كېيىن چىققان مۈڭگۈز يامان. بالدۇر بولسۇن، كېيىن بولسۇن. گۆش بىلەن پىچاق دوست بولسۇن. ھەر ئىشنىڭ مۇقەددىمىسى بار. ھەقامساينىڭ قىزىنى كۆرۈڭ، دەسلىپىدە بەردى كۆڭۈل، ئاخىرىدا نازىنى كۆرۈڭ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مەلۇم ۋاقىتتىن، چەكتىن ئىلگىرى.
كەچ ، كېيىن
مەلۇم ۋاقىت، چەكنىڭ ئاخىرىدا.
بالدۇر تېرىغان ئاش ئالار، كەچ تېرىغان شاخ. تويغا بارساڭ بۇرۇن بار، بۇرۇن بارساڭ ئورۇن بار. ئالدىرىغان كەچ قالار. خۇدايىم بار دەپ ئاچ قاپتۇ، ئېشىكىم بار دەپ كەچ (قاپتۇ). بالدۇرمۇ كەلمە، كېيىنمۇ قالما. بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ. سۇدىن ئۆتسەڭ بۇرۇن ئۆت، ئۆتكەننى كۆرىسەن، مۇزدىن ئۆتسەڭ كېيىن ئۆت، ئاققاننى كۆرىسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ئەسلى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن؛ ئىلگىرى، دەسلەپ.
بالدۇر بارغان گۆش يەر، كېيىن بارغان مۇشت يەر (ماقال).