UyghurMain Dictionary
بالانۇس
بىئولوگىيە
ئات چىشسىمان راك دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ قاسىراقلىقلار سىنىپىنىڭ، ياماشقۇچى پۇتلۇقلار كەنجى تۈرىگە كىرىدۇ، بەدەن سىرتىدا ئالتە پارچە كالتسىيلىق چوڭ قاپچۇق پلاستىنكىسى بولۇپ، ئۆزئارا چىشلىشىش ئارقىلىق توپلىشىپ شەكلى تاغ چوققىسىغا ئوخشايدىغان دىۋار پلاستىنكىسىنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ. ئۈستىدە ھەرىكەتلىنەلەيدىغان بىر جۈپ قالقان پلاستىنكىسى بىلەن بىر جۈپ دۈمبە پلاستىنكىسى قاپچۇق ئېغىزىنى يېپىپ تۇرىدۇ. قاپچۇق ئىچىدىكى ھايۋان تېنىنىڭ قورساق تەرىپى ئۈستىدە بولىدۇ، پۇتلىرى قاپچۇق ئېغىزىدىن سىرتقا ئۇزىراپ چىقالايدۇ. ئاتىلىق - ئانىلىقى بىر تەنىدە (قوش جىنسلىق) بولۇپ ئۆز تېنىدىن ياكى باشقا تەندىن ئۇرۇقلىنىدۇ. يېتىلىش جەريانىدا ھالەت ئۆزگەرتىدۇ، بالا تەن ئەركىن ھايات كەچۈرىدۇ. يېتىلگەن تەنلەر تېيىز دېڭىزلاردىكى تاشلارغا يېپىشىپ مۇقىم ھايات كەچۈرىدۇ، دېڭىز سۈيى پەسەيگەندە سۇنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قالقان پلاستىنكا بىلەن دۈمبە پلاستىنكىلار ھىملىشىپ قاپچۇق ئېغىزىنى ئېتىش ئارقىلىق خېلى ئۇزۇن مەزگىللىك قۇرغاقچىلىقتىن ئۆتەلەيدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى ھەرقايسى جايلارغا تارقالغان. ھەر قېتىم دېڭىز سۈيى پەسەيگەندە بەزى قىيا تاشلارنىڭ سىرتىنى پۈتۈنلەي بالانۇسلارنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلار كېمە تېگىگە زىچ توپلىنىۋالغاندا، كېمە سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەمدە كېمە تېگىنى مەينەتلەشتۈرۈپ ئاسان ئۇپرىتىۋېتىدۇ. بەزى تۈرلىرىنىڭ مەسىلەن، شەرقىي دېڭىزدىن چىقىدىغان قىزىل بالانۇس (B.tintinnabalum volcano) نىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.