Chinese→UyghurMain Dictionary
拜占庭农业法
دۇنيا تارىخى
ۋىزانتىيە دېھقانچىلىق قانۇنى
ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ يېزىلىرىدىكى ئادەت قانۇنلىرى توپلىمى. تەخمىنەن مىلادى Ⅷ ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن. مىلادى Ⅵ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە سلاۋىيانلارنىڭ زور بىر تۈكۈمى جەنۇبقا كۆچۈپ ۋىزانتىيە زېمىنىد ئولتۇراقلىشىپ، يېزا جامائەسىنى قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋىزانتىيە يېزا جامائەسىنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. <دېقھانچىلىق قانۇنى> Ⅶ ئەسىردىن Ⅷ ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدىكى ۋىزانتىيە يېزا جامائەسىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن؛ تېرىلغۇ يەرلەر ئۈلۈشلۈك يەر قاتارىدا ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت پايدىلىنىشىغا بۆلۈپ بېرىلگەن؛ ئوتلاق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، ئورمان ھەمدە باشقا تەۋە يەرلەر يېزا جامائەسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان. تېرىلغۇ يەرلەر زىرائەتلەر يىغىۋېلىنىپ، كېلەر قېتىم تېرىلغىچە جامائەنىڭ ئورتاق چارۋىچىلىق مەيدانى قىلىنغان. يېزا جامائەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كەمبەغەل ۋە بايلارغا بۆلۈنۈش كېلىپ چىققان. كەمبەغەللەر ئۆزلىرىنىڭ ئۈلۈشلۈك يەرلىرىنى بايلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئۆزلىرى ئورتاقچى دېھقانلارغا ئايلىنىپ كەتكەن، باي ئائىلىلەرگە ئالغان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرىدىن ئىككىدىن بىرىگىچە تاپشۇرغان. بەزى كەمبەغەل ئائىلىلەر ھەتتا يەرلىرىدىن ئايرىلىپ، ياقا يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن. يېزا جامائەسىدىكى دېھقانلار دۆلەتكە يەر بېجى، جان بېجى قاتارلىق ئېغىر باج - سېلىقلارنى تاپشۇرۇشتىن سىرت ھاشارغا ئىشلىگەن. يېزا جامائەسىدىن باشقا، يېزىلاردا يەنە چوڭ يەر ئىگىلىرى بارلىققا كەلگەن ھەمدە داۋاملىق تۈردە دېھقانلارنىڭ ئۈلۈشلۈك يەرلىرىنى قوشۇۋالغان. مەزكۇر قانۇن بالقان يېرىم ئارىلىدىكى سلاۋىيان دۆلەتلىرىدىمۇ كەڭ قوللىنىلغان. تەخمىنەن 100 پارچىدەك سلاۋىيان يېزىقىدىكى قول يازمىلار ساقلاپ قېلىنغان.