Chinese→UyghurMain Dictionary
白头翁
تېببىي
bái tóu wēng
ئاقباشئوت، شاقاقۇل نەمانى (ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى ئاقباشئوتنىڭ يىلتىزى )Dئۇنىۋېرسال
bái tóu wēng
ئاق باش ئوت
Dئورمانچىلىق
bái tóu wēng
ئاقۋاش ئوت؛ قارىغوجاDئۆسۈملۈك
bái tóu wēng
ئاقۋاشئوت
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
لالىگۈل
بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سانجىق ئوتقا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 سانتىمېتىردىن 40 سانتىمېتىرغىچە ئۆسىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ شەكلى كۆكنار ئۆسۈملۈكى ۋە يوپۇرمىقىغا
ئوخشايدۇ. گۈلى، مېۋىسى ۋە ئۇرۇقلىرىمۇ ئوخشىشىدۇ. لېكىن كۆكنارنىڭكىدىن كىچىكرەك. ئۇرۇقىمۇ ئۇششاقراق.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى، گۈلى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئېچىلغاندا گۈلى، چۆپى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ
قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
قان توختىتىش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە
ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 10 ياشقىچە بولغانلارغا 1 ~ 2 گرام، 15 ياشتىن چوڭلارغا
ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 3 گرام، گۈلىدىن بىر گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ
لالىگۈلنىڭ قۇرۇق گۈلىدىن ئالتە گرامنى ئېزىپ، مۇسەللەس بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئىچ ئەزا ۋە باشقا ئەزالارنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئاغرىقىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
لالىگۈلنىڭ گۈلىنى يۇمشاق ئېزىپ بۇرۇنغا پۈركۈپ بەرسە، بۇرۇندىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.
لالىگۈلنى قاينىتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ماددىلارنى يۇمشىتىپ، چېچەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
لالىگۈلنىڭ يوپۇرمىقى ۋە تېنىنى ئارپا سامىنى بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك، سۈت ۋە ھەيز راۋانلاشتۇرىدۇ.
لالىگۈلنىڭ ئۇسارىسىنى بۇرۇنغا تېمىتسا، مېڭىدىن كېلىدىغان ھۆللۈكنى تازىلايدۇ.
لالىگۈلنىڭ سىقىلغان سۈيىنى كۆزگە تېمىتىپ ياكى سۈرمە قىلىپ تارتىپ بەرسە، كۆزگە چۈشكەن ئاقنى يوقىتىدۇ.
لالىگۈلنىڭ گۈلىنى ياڭاقنىڭ كۆك پوستى بىلەن ئېزىپ، خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چاچنى قارايتىدۇ.
لالىگۈلنىڭ ئۇرۇقىنى ئۈچ گرامدىن سوغۇق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەرەس كېسىلىنى يوقىتىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئاقباشئوت
بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئاقباشئوتقا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن تېنىدە ئۇزۇن ئاق تېۋىتلار بولىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى تۈۋىدىن ئۆسكەن بولۇپ،
ساپىقى ئىنچىكە، ئۇزۇن، يوپۇرماقلىرى ئىككى قايتىلانغان پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلغان ياكى تولۇق يېرىلغان، ئومۇمىي ئورىغۇچىسى نۇرغۇن
يېرىقچىلارغا يېرىلغان بولۇپ، ھەربىر يېرىقچىلىرى يىپ شەكلىدە بولىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسكەن بولۇپ، ساڭگىلاپ تۇرىدۇ؛ گۈلى
قىزغۇچ سۆسۈن، نۇرغۇنلىغان ئورۇق مېۋىلىرى توپلىشىپ باشسىمان شەكىل ھاسىل قىلىدۇ. مېۋىسىنىڭ ئۇچىدا ئاق رەڭلىك پەيسىمان گۈل
تۈۋرىكى ساقلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈك يىلتىزىنى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، پاكىزە يۇيۇپ ئاپتاپتا
قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ يانباغرى ئوتلاقلىرى ۋە
ئورمان ئارىسىدىكى بوش يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
زەھەر تارقىتىش، قاننى سوۋۇتۇش، تولغاق توختىتىش، قىزىتمىنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە
ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاقباشئوتتىن 20 گرام، مامرانچىندىن سەككىز گرام، زىرىقتىن 10 گرام، ئەرمۇدۇن قوۋزىقىدىن 12 گرام، قىزىل چۇغلۇقتىن 10 گرام،
ماڭداردىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باكتېرىيىلىك تولغاق ۋە ئاميوبالىق تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام ئاقباشئوتنى 12 گرام زىرىق، 20 گرام تەسۋىقوناق، 18 گرام قىزىل چوغلۇق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاق خۇن كۆپ
كېلىش ۋە سېرىق، سېسىق پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاقباشئوتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، تەڭگە تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.