UyghurMain Dictionary
بايرام
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇھىم تارىخىي ۋەقە ياكى چوڭ ئىشلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن خۇشاللىق بېرىدىغان كۈن.
«ھېيىت» ، «ئايەم» دىنغا ئالاقىدار بايرام.
دۆلەت بايرىمى. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى. توي تېگىشلىكنىڭ، بايرام بارچىنىڭ. قۇربان ھېيىت. روزى ھېيىت. ھېيىتتا خوتۇن ئالما، قاراڭغۇدا ئوتۇن. ئايەمدە ئايلىنىپ يۈرمە. ئايتىللا دۇنيا ياشلار پېستىۋالىدا ئالتۇن مېدال ئېلىپ، بىزگە شەرەپ كەلتۈرگەن.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى تۈركچە سۆز بولۇپ، ھېيت - بايرام دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدا ئىسلام دىنىدىكى روزى ھېيت بىلەن قۇربان ھېيت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. روزى ھېيت <كىچىك بايرام>، قۇربان ھېيت <شىكەر بايرام> دېيىلىدۇ. قائىدە بويىچە بۇ بايرام ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ. قۇربان ھېيت <بۈيۈك بايرام> مۇ دېيىلىدۇ. بۇ بايرام تۆت كۈن داۋاملىشىدۇ. بۇ ئىككى بايرامدا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوردىسىدا <ھۆكۈمەت زىياپىتى> بېرىلىپ تۇردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مۇھىم تارىخىي ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارنى تەنتەنىلىك خاتىرىلەش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ياكى ئادەت بولۇپ قالغان خاتىرە كۈن.
دۆلەت بايرىمى. < 1 - ماي> خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى. نورۇز بايرىمى.
مۇھىم، خۇشاللىنارلىق ھادىسە يۈز بەرگەن، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلگەن ۋە شۇ سەۋەبتىن شادلىق بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈن.
ئائىلىۋى بايرام.
ئاتنىڭ ئۆلۈمى ئىتقا بايرام (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئويۇن ـ تاماشا ۋە خۇشاللىق كۈنى.