UyghurMain Dictionary
بايقۇش
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ھوقۇش، مۈشۈكياپىلاق، قارغۇياپىلاق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چارە - ئامالى يوق، ھالى - كۈنى ناچار.
تىرىك بىچارىدىن ئۆلۈك باتۇر ئارتۇق. بىچارە ھاياتتىن مەزمۇنلۇق ئۆلۈم ئەلا. بايقۇشنىڭ بويىندىن يىپ كەتمەيدۇ. ياۋاش يولدا قالىدۇ. مۆمىن ئاش تاپسا، قوشۇق تاپالمايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پايدىلىق قۇش، پەيلىرى بوز كېلىدۇ. بېشىدا مۈڭگۈزگە ئوخشايدىغان پۆپۈك بار.
ھۇقۇشنى ياخشى كۆرۈپ قالساڭ، بۈركۈتمۇ گۈزەل سېزىلەر. ئورماندا ياشىغان مۈشۈكياپلاقتىن قورقمايدۇ. قارىغۇپايىلاقنى تاشقا ئۇرسىمۇ ئۆلىدۇ. تاش بىلەن ئۇرسىمۇ ئۆلىدۇ. بايقۇش ۋارقىرىسا، باينىڭ بېشى ئاغرىيدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ياۋاش - يۇمشاق، چارە - ئامالسىز، كۈچ - قۇۋۋەتسىز.
ئۆكتەم ، مۇتىھەم، بىشەم
زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىدىغان، يولسىز.
قەھرىتان سوغوقتا قاۋانمۇ مۆمىن. ئۆمەر بېگىم ئوڭدا يېتىپ پولۇ يېدى، مامۇت مۆمىن بوغداي تېرىپ دۇمبا يېدى. بايقۇشنىڭ بارىدىغان يېرى يوق، قورسىقى يېرىم ئاچ، يېرىم توق. ئۆكتەم يولداش بەش كۈنلۈك، بىشەم خوتۇن بىر كۈنلۈك. مۇتىھەم كىمنىڭ ئېشىنى يېسە، شۇنىڭ بېشىنى يەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<زوئول> ھۇۋقۇش.
كۆچمە. بەختسىز؛ شۇم پېشانە.
ۋاي، بايقۇش! نۇرغۇن جاپالارنى تارتتىڭ.