Chinese→UyghurMain Dictionary
柏利安得
دۇنيا تارىخى
پېرىياند
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 585) قەدىمكى يۇناندىكى كورىنتوس شەھىرىنىڭ تىرانى (مىلادىدىن ئىلگىرى 625 - 585). يۇناندا ئۆتكەن <يەتتە ئەۋلىيا> نىڭ بىرى. سۇپسېلونىڭ ئوغلى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مۆتىدىل سىياسەت يۈرگۈزگەن، كېيىنكى مەزگىللىرى قاتتىق قول سىياسەتنى يولغا قويغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىلېتونىڭ (كىچىك ئاسىيادا) ترانى تراسبۇلۇستىن يوشۇرۇن تەلىم ئالغان. ئۇ ئەلچى ئەۋەتىپ تراسبۇلۇستىن ئۇزۇن مۇددەتىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ يولىنى سورىغان، ترانسبۇلۇس ئۇنىڭ ئەلچىسىنى ئېتىزلىققا باشلاپ ئاپىرىپ، ئېگىز ئۆسكەن باشاقلارنى توختىماي كېسىپ تاشلىغان، ئۇ ترانسبۇلۇسنىڭ غەرىزىنى چۈشىنىپ، ئۆز ئەتراپىدىكى تەسىركۈچى بار بىر تۈركۈم ھوقۇقلۇق ئەمەلدارلارنىڭ كاللىسىنى ئالغان. تاشقى سودىنى كېڭەيتكەن، ئېبدورونى (جەنۇبىي يۇنان ئاگىرىس تەۋەسىدە) ئىستېلا قىلغان، كورىسۇرا ئارىلىنى بېسىۋالغان ھەمدە بوتىدىيە (ئېگېي دېڭىزىنىڭ غەربىي قىرغىقى) نى مۇستەملىكە قىلغان. ئەدەبىيات، ئىلىم - پەنگە ئىلھام بېرىپ، شائىرلار ۋە پەيلاسوپلارنىڭ ئوردىغا كىرىپ - چىقىشىغا يول قويغان. ئېبدورو ترانى پروكلېسنىڭ قىزى مېلىسسا بىلەن توي قىلغان. غەيۋەتكە ئشىنىپ، خوتۇنىنى ئۆلتۈرگەن، ئوردا ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىچكى نىزادا، قېيىن ئاتىسىنى تۈزمىگە تاشلىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 80 ياشقا كىرگەندە تۇغقىنى پىساممېتكوس ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان.