Chinese→UyghurMain Dictionary
白僵菌
باغۋەنچىلىك,دېھقانچىلىق,يېزا ئىگىلىك
bái jiāng jūn
ئاق قاتۇرغۇچى زەمبۇرۇغDئۇنىۋېرسال
bái jiāng jūn
ئاق قاتارغۇچى زەمبۇرۇغ
بىئولوگىيە
قاتۇرغۇچى زەمبۇرۇغ
يېرىمى ئېنىق زەمبۇرۇغلارنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى بولۇپ، مونىلىيە ئەترىتىنىڭ مونىلىيە ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بۇ ھاشاراتلاردا پارازىت ياشايدىغان بىر خىل زەمبۇرۇغ بولۇپ، چېكەتكە ئائىلىسى، تومۇزغا ئائىلىسى، ئاق موم قۇرت ئائىلىسى ۋە يوپۇرماق پىتى ئائىلىسى قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق ئائىلىدىكى ھاشاراتلارنىڭ لىچىنكىسى، قونچىقى ۋە يېتىلگەن قۇرتىدا پارازىت ياشايدۇ. مەسىلەن، شار سپورىلىق قوتۇرماق زەمبۇرۇغى 60 تىن كۆپرەك تۈردىكى ھاشاراتتا پارازىت ياشايدۇ. بۇ، نۆۋەتتە بىئولوگىيىلىك ئۇسۇلدا زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كەڭرەك قوللىنىۋاتقان زەمبۇرۇغلۇق ھاشارەت ئۆلتۈرگۈچى دورا. جۇڭگو قاتۇرغۇچى زەمبۇرۇغىدىن پايدىلىنىپ قارىغاي تۈكلۈك قۇرتى، كۆممىقوناق پەرۋانىسى، پۇرچاق قۇرتى، قوناق پەرۋانىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ۋە دېھقانچىلىق زىيانداش ھاشاراتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. ئوخشاش بولمىغان تۈرنىڭ پارازىت ئىگىسىگە بولغان زەھەرلەش كۈچى ئوخشاش بولمايدۇ. مۇھىت شارائىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە بولغان تەسىرىمۇ چوڭ بولىدۇ. ئۇ پىلە قۇرتىغىمۇ زىيان سالىدۇ. جۇڭگونىڭ داڭلىق دورىسى جاڭسەن (قاتما پىللە) قاتۇرغۇچى زەمبۇرۇغنىڭ پىلە قۇرتتا پارازىتلىنىشىنىڭ نەتىجىسى. قاتۇرغۇچى زەمبۇرۇغ ئاساسەن بۆلۈنگۈچى سپورىغا تايىنىپ كۆپىيىدۇ ۋە تارقىلىدۇ، قۇرت ئۈستىگە سپورا مۇۋاپىق شارائىتتا بىخلىنىپ زەمبۇرۇغ يېپىنچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، زەمبۇرۇغ يېپىنچىسى قۇرت تېنىنى تېشىپ كىرىپ كۆپىيىپ، يېتىلىپ زەمبۇرۇغ يىپسىمان تېنىنى ھاسىل قىلىدۇ. قۇرت يۇقۇملانغاندىن كېيىنلا ئوزۇقلىنىشتىن توختاپ تېنى ئاقىرىپ كېتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا قېتىپ ئۆلىدۇ. قاتۇرغۇچى زەمبۇرۇغنىڭ يىپسىمان تەنچىسىنىڭ رەڭگى ئاق، ئۆزى توسىمان بولۇپ، بۆلۈنگۈچى سپورا ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئاق رەڭلىك ياكى سۇس سېرىق رەڭلىك پاراشۇكقا ئايلىنىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچىسى شاخلىنىدۇ. توسۇقچىلار بولىدۇ، بۆلۈنگۈچى سپورىنىڭ ساپىقى ياكى تۇخۇمسىمان بۆلۈنگۈچى سپورىلار كىچىك ساپاقنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ.