Chinese→UyghurMain Dictionary
柏格森
ئىستېتىكا
bǎi gé sēn
بېرگسون (1941 - 1859)، فرانسىيە ھازىرقى زامان غەيرىي ئەقىلچىلىكىنىڭ ۋە ھاياتلىق پەلسەپەسىنىڭ ۋەكىلى.
دۇنيا تارىخى
بېرگسون
(1859 - 1941) فرانسىيىلىك ئىدېالىستىك پەيلاسوپ. 1889-يىلى ئالىي دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن ئەخلاق ۋە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، فرانسيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1900-يىلىدىن باشلاپ ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە فرانسىيە شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان، 1922-يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر مەكتەپنىڭ پەخرىي پروفېسسورى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا دىپلوماتىيە ئەلچىسى سۈپىتىدە ئىسپانىيە ۋە ئامېرىكىغا بارغان، ئۇ بىۋاسىتە سىزمىچىلىق پەلسەپىسىنى يارىتىپ، ئەقىل ۋە پەننىڭ رولىنى كۈچىنىڭ بارىچە چۆكتۈرۈپ، غەرب پەلسەپە ساھەسىدىكىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <ئاڭنىڭ بىۋاسىتە نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى توغرىسىدا>، <ماددا ۋە ئەستە تۇتماق>، <مېتافىزىكا مۇقەددىمىسى>، <ئىجادىيەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى>، <ئەخلاق ۋە دىننىڭ ئىككى مەنبەسى> بار. بېرگسون 1928-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىكشەن.