UyghurMain Dictionary
باياۋان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ يوق، ئىقلىم قۇرۇق، ئۆسۈملۈك ئاز، قۇم ۋە ياكى شېغىل بىلەن تولغان يەر.
بىرى چۆل، بىرى گۈل. چۆلگە يامغۇر ياخشى، يومدانغا چامغۇر. دەشت _ باياۋاندا ئۇسسۇز قالمىغان سۇنىڭ قەدىرىنى بىلمەس. جەزىرىدە جەرەن تۇت. گوبىدا گىياھ يوق. پايدىسى يوق بايدىن سۈيى يوق ساي ياخشى. دالىدا ئۆسكەن مەھەللىگە كۆنمەس. سەھرانىڭ بېگى بولغۇچە، شەھەرنىڭ ئىتى بول. قۇملۇقتىن ئۆتەلىگەن قۇمدىن قورقمايدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تاشيول ياسالدى. يازىدا بۆرە ئۆلسە، ئەۋدە ئىت باغرى تارتىشتۇر.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، كۈرەشچان ئۆمەرنىڭ پوۋېستلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996 - يىل 6 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا ياش يازغۇچىنىڭ <باياۋان> قاتارلىق پوۋېستلىرى كىرگۈزۈلگەن، بۇ ئەسەرلەردە ئاڭ ئېقىمى، چۈش مەنزىرىسى، قەلب چىنلىقى ماھىرلىق بىلەن يېزىلغان.