UyghurMain Dictionary
باي
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
نۇرغۇن مال - مۈلۈككە ئىگە، دۆلەتمەن ئادەم.
ئاغزى مايماق بولسىمۇ، باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن (ماقال). * باي قەيەردە، ۋاي شۇ يەردە (ماقال). * باي بېھىشقا سىغمايدۇ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . مال - دۇنياسى كۆپ.
باي ئائىلە، باي مەملىكەت، باي دېھقان. * ئاپتونوم رايونىمىز باي رايون.
2 . ئۆزىدە پايدىلىق نەرسىلەر مول. يېرى باينىڭ، ئېلى باي. * پېشقەدەم كادىرلار تەجرىبىگە باي. * تىل ئوقۇتقۇچىلىرى تىلغا باي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نۇرغۇن مال - دۇنياغا ئىگە كىشى.
باي بايغا باقار، سۇ سايغا. بايدىن بالا - قازا قورقار. باينىڭ ئالدى تار، كەينى كەڭ. باي قەيەردە، ۋاي شۇ يەردە. غەنىبىنىڭ غېمى كۆپ. دۆلەتمەن دۆلىتى بىلەن خار. ياز گاداينىڭكى، قىش ھاللىقنىڭكى. ھاللىق بولساڭمۇ ھال تارتما. بارلىغ ئەر _ باي كىشى، قول - ئىلكىدە بار كىشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆپ مىقداردا يەر ئېگىلىگەن، ئۆزى مۇھىم ئەمگەككە قاتناشسىمۇ، يېرىنى كىشى ياللاپ تېرىدىغان ياكى ئىجارىگە بېرىدىغان دېھقان.
يەر ئىسلاھاتىدا باي دېھقانلارنىڭ ئوشۇق يەرلىرى مۇسادىرە قىلىنىغانىدى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قول ئىلكىدە يەر، سۇ، پۇل - مال، مال - مۈلۈك، مال - چارۋىسى كۆپ، ئىقتىسادلىق.
كەمبەغەل، گاداي، نامرات، يوقسۇل، پېقىر، ئورۇق ئات
قول ئىلكىدە ھەتتا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىمۇ بولمىغان، ئىقتىسادسىز.
باي نەدە، ۋاي شۇ يەردە. غەنىينىڭ غېمى كۆپ. بايدىن ئەمەلدار چىقسا، كەمبەغەلدىن دانا چىقار. بايغا كۈندە بايرام، كۈندە توي، گادايغا كۈندە قايغۇ، كۈندە ئوي. گاداي ئىتتىن قورقىدۇ، ئىت گادايدىن. باينىڭ كېلىنى بولغىچە، نامراتنىڭ قىزى بول. باينىڭ ئارغامچىسى بولسا، يوقسۇلنىڭ كۇلىسى بار. پېقىر زورا تۇتسا، باي ھېيت ئوينايدۇ. ھاللىق بولساڭمۇ ھال تارتما. دۆلەتمەن بولساڭمۇ، سۆلەتمەن بولسا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
باي.
باي يىغاچ _ باي ياغاچ. « كۇچا _ كۇچا» بىلەن « ئۇچ _ ئۇچ» ئارىسىدا، « ئۇچ _ ئۇچ» قا يېقىن بىر يەرنىڭ ئېتى.
3 - 216
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ھېچ نەرسىگە موھتاجلىقى يوق؛ نۇرغۇن مال - دۇنياسى بار.
باي مەملىكەت. باي ئادەم.
سۈپ. تەركىبىدە، ئىختىيارىدا، باغرىدا، ئىچىدە كېرەكلىك ۋە پايدىلىق نەرسىلەر كۆپ؛ مول، يېتەرلىك.
يېرى باينىڭ ئېلى باي (ماقال).
ئى. مال - دۇنيا يىغقۇچى؛ دۆلەتمەن كىشى.
باي بارنى بەرمەس، كەمبەغەل قاراپ تۇرماس (ماقال)
ئى. بايلارغا مۇراجىئەت قىلىشتا ياكى ئۇلار توغرىسدا سۆز بولغاندا، ئۇلارنىڭ نامى ئورنىدا ياكى نامىغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
دېدىم تۇرۇپ: - باي ئاكا، ئوغرى دەمسىز مېنى سىز؟ قوتاندىكى ئىزلارنى، قاراپ كۆرۈڭ قانداق ئىز.
ئى. ھۈرمەت يۈزىسىدىن كىشى نامىغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ ھەم كىشى ئىسمىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا كىرىدۇ.
ئەمەتباي. تاشباي.
ئى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بىر ناھىيىنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
باي، باي - باياشات كىشى. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
بايئاخۇن، باياخۇن
(بۇ ئىسىم ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە باياشاتلىقنى تىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ)