Chinese→UyghurMain Dictionary
巴尔干公约
دۇنيا تارىخى
بالقان ئەھدىنامىسى
تولۇق نامى <بالقان كېڭەش ئەھدىنامىسى>. 1934-يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، گرېتسىيە، رومىنىيە، تۈركىيە، يۇگوسلاۋىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت ئافىنادا ئىمزالىغان. شۇ ۋاقىتتا گىتلېر گېرمانىيىسى كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلاپ، ھەدەپ ھەربىي تەييارلىقىنى كېڭەيتىۋاتقان، ئىتالىيە ئوتتۇرا دېڭىزغا زومىگەرلىك قىلىپ، بالقاننى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۋاتقان بولۇپ، بالقاندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكنى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغان. ئەھدىنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش، ئۇرۇشتىن كېيىنكى چېگرىنى ئۆزگەرتىشىگە قارشى تۇرۇش؛ شەرتنامە تۈزگەن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا بالقان رايونىنىڭ ھازىرقى تېررىتورىيە تەرتىپىگە ۋە بارلىق چېگرانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئەگەر بۇ كېلىشىمنىڭ قارارلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، شەرتنامە تۈزگەن دۆلەتلەر كېڭىشىپ ئورتاق تەدبىر قولىنىش دېگەنلەردىن ئىبارەت.