Uyghur←ChineseMain Dictionary
بادېن پفالېس قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
巴登-普法尔茨起义
bā dēng -pǔ fǎ ěr cí qǐ yì
4918-يىلى گېرمانىيە خەلقىنىڭ ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداش قوزغىلىڭى. 5-ئاينىڭ باشلىرىدا بادېنپفالېستا قوزغىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. قوزغىلاڭچىلار فېئودال كىنەزلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت قۇرۇپ، <بادېنپفالس پىدائىيلار جۈەنتۇەنى> تەشكىللىگەن، كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرىدىن ئوۋىلىس جۈنتۇەننىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. ئېنگلېس، ژوسوف مولل قاتارلىقلار كۈرەشكە بىۋاستە قاتناشقان. ئەمما ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ ھوقوقى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغاچقا قوزغىلاڭ يەرلىك تۈس ئالغان. ماركس، ئېنگلس پىدائىيلار جۈنتۇەنىگە ماين دەرياسى ۋادىسىدىكى فرانكفورتقا قاراپ ئىلگىرلەپ، قوزغىلاڭنى پۈتۈن گېرمانىيە دائىرىسىگە كېڭەيتىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، رەت قىلىنغان، پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى 60مىڭ كىشلىك قوشۇن چىقىرىپ، رېيىن دەرياسىدىن زورلۇق بىلەن ئۆتۈپ، بادېننىڭ مەركىزىنى ئىگىلەپ، قوزغىلاڭچى قوشۇننى شۋېتسارىيىگە چېكىنىشكە مەجبور قىلغان. 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تايانچ نۇقتىسى بولغان راشتاد قەلئەسىمۇ قولدىن كېتىپ، قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان.