UyghurMain Dictionary
بابىلون خانلىقى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى غەربىي ئاسىيادىكى بابىلون شەھىرىنى مەركەز قىلىپ، ئىلگىرى - ئاخىر قۇرۇلغان ئىككى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت. (1) قەدىمكى بابىلون خانلىقى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1894 - 1595) يەنە بابىلون بىرىنچى سۇلالىسى خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىىدۇ. سېمىتلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئامورىلارنىڭ باشلىقى سۇمۇئابۇم (مىلادىدىن ئىلگىرى 1894 - 1881، تەختتە تۇرغان) تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئالتىنچى ئەۋلاد خانى ھاممۇرابى تەختتىكى چاغدا (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1792 - 1950) خانلىق كۈچىيىپ، سۇمبر ۋە ئاقادتىكى ھەرقايسىى قەلئەلەرنى بويسۇندۇۇرپ، غەربىي شىمال قىسمىدىكى قەلئەلەردىن مارى، ئاسسۇرىيىلەرنى يوقىتىپ، پۈتكۈل مېسوپوتامىيە ۋادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن دۆلەت قۇرۇپ، خانلىق مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويغان. قۇللۇق تۈزۈمدىكى ئىقتىساد راۋاجلىنىپ، سىنپىي زىددىيەت تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشكەن. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە يەر ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، مەشھۇر <ھاممۇرابى قانۇنى> نى ئېلان ىلغان. تەخت ۋارىسى سامسۇئىلۇنا دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 1749 - 1712)، كەينى - كەينىدىن ئېلامىلار بىلەن كاسسىيلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ، ئاستا - ئاستا زاۋالغا يۈر تۇتقان. تەخمىنەن مىلادىدىن 1695-يىل ئىلگىرى، كىچىك ئاسىيادىن كەلگەن ھىتىتلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان. قەدىمكى بابىلون دەۋرىدە سۇمېر - ئاققاد مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مىخ يېزىق، ئاستورنومىيە ۋە ماتېماتىكا جەھەتلەردە تەرەققىياتلار بولغان. (2) يڭېى بابىلون خانلىقى (مىلادىدىن ئىلگىرى 626 - 538)، كالدېئالىقلارنىڭ باشلىقى نابوپولاسسار تەرىپىدىن قۇرۇلغان. مىلادىدىن 612 يىل ئىلگىرى، مېدىيا بىلەن بىرلىشىپ، ئاسسۇرىيىتىنى يوقىتىپ، زېمىنىنى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ كۆپ قىسمىغىچە ۋە سۈرىيە، پەلەستىن تەرەپلەرگىچە كېڭەيتكەن. نېبۇچاد نېززار Ⅱ تەختتىكى چاغدا كۆپ قېتىم سىرتقا قارىتا ئۇرۇش قوزغاپ، مىلادىدىن 586 يىل ئىلگىرى ئېرۇسالىمنى ئىگىلىگەن، يەھۇدىيلار خانلىقىنى يوقىتىپ، زور بىر تۈركۈم يەھۇدىيلارنى ئەسىر ئېلىپ قايتقان (<بابىون تۇتقۇنلىرى>). يەەن كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، بابىلوندا قەلئە، ئىلاھىي ئىبادەتخانا، ئوردا ۋە <باغ مۇئەللەق> نى ياساتقان. قۇللۇق تۈزۈم ئىقتىسادىدا كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلار بولغان، قول سانائەت، سودا (تاشقى سودا) ۋە سۈتخورلۇق جانلانغان، ئاخىرقى دەۋر خانى نابونىدۇس ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتتا (مىلادىدىن ئىلگىرى 555 - 538) ئىچكى جەھەتتىكى زىددىيەت چوڭقۇرلىشىپ، خان بىلەن بابىلون شەھىرىنىڭ كاھىنى كەسكىن ئېلىشىپ، دۆلەت زەئىپلەشكەن. مىلادىدىن 238 يىل ئىلگىرى، پېرسىيە پادىشاھى كۇرۇش بابىلوننى ئىگىلىگەن، دۆلەت مۇنقەرز بولغان. يېڭى بابىلون دەۋرىدە مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى مەدەنىيەت، بولۇپمۇ ئاسترونومىيە جەھەتتىكى تۆھپىسى كېيىنكى ئەۋلادلارغا خېلى تەسىر كۆرسەتكەن.