Uyghur←ChineseMain Dictionary
بابىلونىيە
Domain: دۇنيا تارىخى巴比伦尼亚
bā bǐ lún ní yà
قەدىمكى دەۋردە مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايوننىڭ نامى. قەدىمكى ئەسەرلەر (<ئىنجىل>) دە <شىنار> دەپ ئاتالغان. بۇ ھازىرقى ئىراق جۇمھۇرىيىتىدىكى باغدادتىن تارتىپ تاكى پېرسىيە قولتۇقىغىچە بولغان جايلارغا توغرا كىلىدۇ. قەدىمكى ۋاقىتتا يەنە ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن: شىمالىي ئاققاد، جەنۇبىي سۇمېر مىلادىدىن 0700ىل ئىلگىرىلا شىمالدىكى تاغلىق رايونلاردا ئىنسانىيەت پائالىيەت ئېلىپ بارغان. مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىللەردە جەنۇبتىكى رايوندا ئەڭ دەسلەپكى سۇمېر مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن؛ مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ باشلىرىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى سۇمېر شەھەر دۆلەتلىرى بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، ئۇر، ئۇرۇك، لاگاش قاتارلىقلار. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅣ ئەسىردە، ئاققادلاردىن بولغان سارگون Ⅰبابىلونىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،ئاققادلار خانلىقىنى قۇرغان ھەمدە داۋاملىق كېڭەيگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅨ ئەسىردە سېمىتلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئامورىلىقلار بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا پۈتكۈل مېسوپوتامىيە ۋادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدىمكى بابىلون خانلىقىنى قۇرغان. مىلادىدىن 853ىل ئىلگىرى پېرسىيە ئىمپىرىيىسى زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.