UyghurMain Dictionary
بابلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئەدىپىنى، جازاسىنى بەرمەك؛ جايلىماق.
- يەپ تويماس باجگىرلارنى راسا بابلپتۇ - دە! - دېدى خېرىدارلاردىن بىرى.
بىرەر ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك، مۇۋاپىق بېجىرمەك، بەجا كەلتۈرمەك؛ ئورۇندىماق.
بۇ شەكىللەرنى ئۆزىگە خاس ئورۇنلىرىغا بابلاپ ئىشلەتمىسەك، ئاسانلا خاتالىقلار كېلىپ چىقىدۇ.
بىرەر ئىش ياكى گەپتە باشقىلارنى ئالدىماق، گوللىماق.
ئۇ: - بۇ قېتىم مېنى قالتىس بابلاپ كەتتى، - دېدى سودىگەر يېنىدا كېتىۋاتقان خوتۇنىغا ھەسرەتلىك بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ.