Uyghur←ChineseMain Dictionary
بابلار قوزغىلىڭى
Domain: دۇنيا تارىخى巴布教徒起义
bā bù jiào tú qǐ yì
1848 - 1852 - يىللىرى ئىران خەلقىنىڭ فېئوداللىققا قارشى قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭ قاتناشچىلىرى باب مەزھىپى مۇرىتلىرىنى ئاساس قىلغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان. باب مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى باب (بۇ ئەرەبچە ۋە پارسچە Bab نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، مەنىسى ئېتىقاد قىلىش يولى دېگەنلىك) دەپ ئاتاپ، مەھدىنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ھەمدە كىشىلەر ئارىسىدا ئادىللىق ۋە بەخت - سائادەتلىك يېڭى تۈزۈم ئورنىتىلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. بۇ دىنىي ئەقىدە دەرھال خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. 1847-يىلى باب قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن كەڭ دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەنلەر، سودىگەرلەر بەس - بەستە دىنغا كىرگەن ھەمدە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاخۇن ۋە سودىگەرلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى جايلاردا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولغانلىرى: 1818 - 1849-يىللىرىدىكى مازاندىران قوزغىلىڭى، 1850-يىلىدىكى زەنجان قوزغىلىڭى ۋە نېيىرىز قوزغىلىڭىدىن ئىبارەت. 1850-يىلى باب ئۆلتۈرۈلگەن. 1852-يىلىغا قەدەر ھەرقايسى جايلاردىكى قوزغىلاڭلار باستۇرۇلغان. سانسىزلىغان مۇرىتلار پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.