Chinese→UyghurMain Dictionary
巴卑尔
دىن
bā bēi ěr
زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر
دىن
巴卑尔(巴布尔
bā bēi ěr
伊
ئىسلام دىنى
بابىر، بابۇر، زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر
دۇنيا تارىخى
بابۇر
(1483 - 1530). ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى زاھىرىددىن. بابۇر ئۇنىڭ لەقىمى بولۇپ، <يولۋاس> دېگەن مەنىدە. تېمۇرنىڭ ئەۋلادى. 1494-يىلى پەرغانىدە خان بولغان، بىر مەھەل سەمەرقەندنى ئىشغال قىلغان. 1501-يىلى شەيبانى خان تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، خانلىق ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويغان. 1504 - يىلى كابۇلنى بېسىۋالغان. 1525-يىلى ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلپ، 1526-يىلى پانىپان جېڭىدە لودى خاندانلىقىنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىنىپ، دېھلىنى ئىگىلەپ، دېھلى سۇلتانلىقىنى يوقىتىپ، موغۇل خانلىقىنى قۇرغان. ئىككىنچى يىلى كاننۇيادا ھىندىستاندىكى بەگلەر بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىنكى نەچچە يىلدا شىمالىي ھىندىستاننىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، موغۇل ئىمپېرىيىسىگە ئاساس سالغان. ئۇ ئەدەبىيات - سەنئەتنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ يازغان <بابۇرنامە> مەشھۇر ئەدەبىي تارىخىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.