Lughet
DictionaryUyghurفېرناندو
UyghurChineseMain Dictionary

فېرناندو

دۇنيا تارىخى 费尔南多一世 fèi ěr nán duō yí shì (تەخمىنەن 1345 - 1383) پورتۇگالىيىدىكى بۇرگۇندى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى (1367 - 1383). تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە، دېڭىزچىلىقنى رىغبەتلەندۈرگەن؛ <بوز يەرلەنى تەقىسم قىلىش قانۇنى>نى تۈزگەن، كۆچمەنلەرنى دېھقانچىلىق قىلىشقا مەجبورلىغان؛ پورتۇگالىيە ئىككى قېتىم كاستىللانىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. دۇنيا تارىخى 斐迪南二世 fěi dí nán èr shì (فېرناندو Ⅱ ) (1) (1452 - 1516) كاستىللا كورۇلى (فېرناندو Ⅴ دەپ ئاتالغان، 1474 - 1504) ۋە ئاراگون كورۇلى (فېرناندو Ⅱ دەپ ئاتالغان، 1479 - 1516). ئاراگون كورۇلى خۇئان Ⅱ نىڭ ئوغلى. 1469 - يىلى، ئۇ كاستېللا كورۇلى ئېنرىك Ⅳنىڭ سىڭلىسى، تەخت ۋارىسى ئىسابېل بىلەن توي قىلغان، ئېنرىك Ⅳ 1474 - يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ خوتۇنى بىلەن بىللە كاستىللاغا كورۇل بولغان. كاستىللادىكى بىرقىسىم دىنىي،دەھرىي ئاقسۆڭەكلەر يەنە بىرمەلىكە خۇئەننانى يۆلەپ، ئىسابېلغا قارشى چىققان. بۇ ئىش پورتۇگالىيە كورۇلى ئالفونسو Ⅴ ۋە فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅺ نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. فېرناندو Ⅴ ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر ئاھالىسىگە تايىنىپ، 1476 - يىلى تورو جېڭىدە ئالفونسو Ⅴ نى يېڭىپ، پادىشاھلىق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىگەن. 1479 - يىلى ئاراگوننىڭ كورۇللۇق تەختىگە چىققان، شۇنداق قىلىپ، كاستىللا ئاراگون بىلەن رەسمىي قوشۇلغان. كېيىن 1484 - 1486 - يىللاردىكى كاتالونىيە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1492 - يىلى ئەرەبلەردىن ئىبېرىئان يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تايانچ پونكىتى گرانادانى قايتۇرۇۋالغان. شۇيىلى، كولومبونىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىشىغا ماددىي ياردەم بەرگەن. 1495 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى، پاپا، ۋېنېزىيە ۋە مىلانلار بىلەن فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق قۇرۇپ، فرانسىيە قوشۇنىنى ناپلېسىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبور قىلغان (<ئىتالىيە ئۇرۇشى>غا قاراڭ). 1504 - يىلى ئىككى سىتسىلىيە كورۇللۇقىنى قوشۇمچە ئۆز ئۈسىتگە ئالغان (فېرناندو Ⅲ دەپ ئاتالغان). 1512 - يىلى ناۋاردا كورۇللۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى قوشۇۋېلىپ، ئىسپانىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئورۇندىغان. (2) فېرناندو Ⅱ (1578 - 1637). مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ھابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1619 - 1637). سىترىيە (ھازىرقى ئاۋسترىيە زېمىنىدا) كىنەزى چارلېسنىڭ ئوغلى، شۇڭا (ستىرىيىلىك) فېردىناند دەپمۇ ئاتالغان. 1617 - ۋە 1618 - يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چېخىيە ۋە ۋېنگرىيىلەرنىڭ كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. چېخىيە خەلقى ھابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ زۇلىمىغا چىدىماي، 1618 - يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە ئىككىنچى يىلى ئۇنىڭ كورۇللۇقىنى بىكار قىلىپ، پفالز (پالاتىناتې)نىڭ ئىمپېراتورى سايلىغۇچى كىنەزى، پروتىستانت ئىتتىپاقىنىڭ سەردارى فرېدرىخ Ⅴ نى چېخىيىنىڭ كورۇلى قىلىپ كۆتۈرگەن. فېردىناند Ⅱ باۋارىيە كىنەزى، كاتولىك ئىتتىپاقىنىڭ سەردارى ماكسىمىلىئان Ⅰ غا تايىنىپ، ئەسكەر يۆتكەپ چېخ خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان، شۇنىڭ بىلەن 30 يىللىق ئۇرۇش (1618 - 1648) پارتىلىغان. 1620 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاقتاغ جېڭىدە كاتولىك ئىتتىپاقىنىڭ ئارمىيىسى چېخ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، چېخىيىنى يېڭىۋاشتىن ھابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا تاشلىغان. كېيىن فېردىناند يەنە 1626 - يىلىدىكى يۇقىرى ئاۋسترىيە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. (3) فېردىناند Ⅱ (1810 - 1859). ئىككى سىتسىلىيە كورۇللۇقىنىڭ كورۇلى (1830 - 1859). سىتسىلىيىدىكى پالېرمودا تۇغۇلغان. 1830 - يىلى دادىسى فرانتىسىس Ⅰ (1777 - 1830)نىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان، يۇقىرى بېسىم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز كەڭ كۆلەملىك قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1848 - يىلى سىتسىلىيىدە خەلق قوزغىلىڭى پارتلاپ، ياۋرۇپانى قاپلىغان، 1848 - يىلى ئىنقىلابنىڭ مۇقەددىمىسىگە ئايلانغان. ياندۇرقى يىلى قوشۇن ئەۋەتىپ، بۇ قوزغىلاڭنى شەپقەتسىز باستۇرغان ۋە بۇ ئارالدىكى ئاساسىي شەھەرلەرنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك تۈزلەڭگە ئايلاندۈۇرۋەتكەن، شۇڭا، <سىنارەت كورۇل> دەپ نام ئالغان. ئىنقىلاب باستۇرۇلغاندىن كېيىن، 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى نېئاپول تۈرمىلىرگە قامىغان. ئۇنىڭ دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جامائەت پىكىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. دۇنيا تارىخى 斐迪南七世 fěi dí nán qī shì (1784 - 1833). ئىسپانىيە كورۇلى (1808، 1814 - 1833). چارلېس Ⅳ نىڭ ئوغلى. دادىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، خانىكىنىڭ ئامراق ئادىمى گودوي بىلەن ئەپ بولالمىغان. 1808 - يىلى 3 - ئايدا، ئارنجۇئېز خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى چارلېس Ⅳ نى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور قىلغاندىن كېيىن، تەختكە چىققان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ناپولېئوننىڭ چاقىرتىشى بىەن فرانسىيەنىڭ چېگرا شەھىرى بايوننېغا بېرىپ، كورۇللۇق تەختىنى دادىسىغا بوشىتىپ بېرىشكە مەجبور بولغان. كېيىن فرانسىيىدە قامالغان. 1814 - يىلى دۆلىتىگە قايتىپ، يېڭىۋاشتىن تەختكە چىققان. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە، 1812 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئىسپانىيىدە 1820 - 1823 - يىللاردىكى ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، 1812 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبور بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنقىلابقا قارشى لاگېرغا ئاستتىرتىن رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە مۇقەددەس ئىتتىپاقتىن ياردەم تىلىگەن. ئىنقىلاب فرانسىيەنىڭ مۇداخىلچى قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىنقىلابچىلارغا شەپقەتسىزلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان ھەمدە مۇستەبتلىك ھۆكۈمرانلىقنى يېڭىۋاشتىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن مەملىكەت ئىچىدە كورۇللۇق تەختىنى تالىشىدىغان كارلوس ئۇرۇشى پارتلىغان. دۇنيا يەر - جاي ناملىرى 费尔南多 fèi ěr nán duō
Rate this entry

Same word in other sources

فېرناندوUyghurMain Dictionary

Related words

فېرناندUyghurChineseسان فېرناندوUyghurChineseفېرناندو پوۋUyghurChineseفېرنانداUyghurChineseفېرنانUyghurChineseفېرناندېزUyghurChinese
← Search