—Reference
ۋاقىت - مىقدار (ئۆلچەم) ئۇقۇمى
ئۇيغۇرلاردا ئىلىم - پەن
ئۇيغۇرلاردا ۋاقىتنى <دەقىقە>، <مىنۇت> (سېكۇنت)، <سائەت> كە، كۈننى ئون ئىككى سائەتكە، جۈملىدىن، ھەپتىگە، ھەپتىنى يەتتە كۈنگە بۆلۈپ مەخسۇس ئىسىم بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئادىتى ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئومۇملاشقان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىر كۈننى <ئەتىگەن>، <چۈش>، <كەچ> ەپ ئۈچكە بۆلۈپ، ئەتىگەننى يەنە <قاق بو> (تاڭ سۈزۈلۈپ كۈن چىققۇچىلىك بولغان ۋاقىت)، <ناشتا> (ئەتىگەن سائەت ئالتە - يەتتە)؛ <كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە>، <ئاش ۋاقتى> (ئەتىگەن سائەت ئون)، <قوزى چۈش> (ئەتىگەن سائەت ئون بىر) دەپ پەرقلەندۈرۈپ؛ كېچىلىك ۋاقىتنى <ياتقۇ> (كېچە سائەت توققۇز)؛ <تۈن> ياكى <يېرىم تۈن> ۋە ياكى <تۈن نىسپى>، (كېچە سائەت ئون ئىككى)؛ <باش توخۇ> (كېچە سائەت ئىككى - ئۈچ)؛ <ئىككىنچى توخۇ> (كېچە سائەت ئۈچ)، <ئاياغ توخۇ> (ئەتىگەن سائەت تۆت) كە بۆلۈپ پەرقلەندۈرۈپ ئادەتلەنگەن. بۇ ئادەت ھېلىھەم بار. <سېكۇنت>، <سوتكا> دېگەن سۆزلەر مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن كېيىنن ئۆزلەشكەن. <سوتكا> دېگەن ئۇقۇم ئۇنىڭدىن بۇرۇن <بىر كېچە - كۈندۈز> ياكى <ئون ئىككى ۋاق يىگىرمە تۆت سائەت> دەپ ئىپادىلىنىپ كەلگەن. ھازىر بىرەر ئىشقا تەمشەلگەندە، <ياھ! ئون ئىككى ۋاق يىگىرمە تۆت سائەت> دېيىش ئادىتى شۇنىڭدىن كەلگەن بولۇپ <ئىشىم ئوڭۇشلۇق بولسۇن> دېگەن مەقسەت ئىپادىلىنىدۇ.
ئىسلامىيەتتىن كېىن كۈنلۈك ۋاقىتنى، بولۇپمۇ ۋەدە خاراكتېرىدىكى ۋاقىت بەلگىلەشتە بەش ۋاق ناماز نامىنى قوللىنىش ئادىتىمۇ ئومۇملاشقان، بۇ ئادەت، ئادەتتە تولاراق چوڭلار ئىچىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
About this entry
This is a xx–xx dictionary entry.
Sourced from Reference in Lughet's collection.