Chinese→UyghurMain Dictionary
奥匈蒂国
دۇنيا تارىخى
ئاۋسترو - ۋېنگر ئىمپېرىيىسى
1867-يىلى ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە، ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىككى مەنبەلىك ئىمپىرىيە. ئاۋستىرىيە 1866-يىلدىكى پرۇسسىيەئاۋستىرىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، مەملىكەت ئىچىدىكى مىللىي زىددىيەت كەسلىنلىشىپ، ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەك پومىشچىكلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىشكە مەجبور بولغان. 1867-يىلى 5-ئايدا ئىمپېرىيە پارلامېنتىنى چاقىرىپ، <ئاۋستىرىيەۋېنگىرىيە كېلىشىمى>نىڭ شەرتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان، 6-ئايدا ۋېنگرىيە پارلامىنتى كېلىشىم ماددىلىرىغا قوشۇلۇپ، ئىككى تەرەپ كېلىشىمنامە تۈزۈشكەن. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسى ئىككى مەنبەلىك تۈزۈمدىكى پادىشاھلىق دۆلەتكە ئۆزگەرتىلىپ، ئاۋستىروۋېنگر ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغان. ئىمپېرىيە لېتا دەرياسىنى چېگرا قىلىپ ئىچكى لېنتانىيە ۋە تاشقى لېنتانىيەدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان. ئالدىنقىسى ئاۋستىرىيە، چېخىيە، مولاۋىيە، سىلېسىيە، دارماتىيە، گالتسىيە، بۇگۋىنا، ئىسدىلىيە ۋە دىرىياست قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ كىيىنكىسى ۋېنگرىيە پادىشاھلىقى بولۇپ، ۋېنگرىيە، سلوۋاكىيە، كرودىيە، سلوۋىنىيە ۋە ترانسىۋانىيە قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىمپىرىيىنىڭ ئالىي باشلىقى ئاۋسترىيە ئىمپىراتورى بولۇپ، قوشۇمچە ۋېنگىرىيە كورۇلى دەپ ئاتالغان. ئىمپېرىيەدە مالىيە مىنىستىرلىكى ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ھەربىي مىنىستىرلىكتىن ئىبارەت 3 مىنىستىرلىك تەسىس قىلىنغان. دۆلەتنىڭ مالىيە چىقىمىنى ئاۋستىرىيە بىلەن ۋېنگرىيە 7:3 نىسبىتى بويىچە تەڭ كۆتۈرۈپ، ھەر ئون يىلدا بىرقېتىم تەڭشەلگەن. ئاۋستىرىيە بىلەن ۋېنگرىيەدە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە پارلامىنتى تەسىس قىلىنغان. ئىككى دۆلەت پارلامىنتلىرى ھەريىلى ئۆز ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىپ، ئورتاق ئىشلارنى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغانلىقى ۋە مەملىكەت ئىچىدە ئىشچىلار ھەركىتى، مىللىي ئازادلىق ھەركىتى ئەۋج ئالغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئىمپېرىيە 1918-يىلى پارچىلىنىپ 3 دۆلەت قۇرۇلغان. بىرقىسىم زېمىنى پولشا ۋە يۇگۇسلاۋىيەگە قايتۇرۇلغان.