Chinese→UyghurMain Dictionary
奥斯特里茨战役
دۇنيا تارىخى
ئاۋرىگنال مەدەنىيىتى
ياۋروپانىڭ كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مەدەنىيىتى. ئەڭ ئاۋۋال فرانسىينىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاۋرىگنال كەنتىدە تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ياۋروپانىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە بالقان يېرىم ئارىلىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، دەۋرى تگخىنەن مىلادىدىن 30000 - 25000 بۇرۇنقى يىللارغا توغرا كېلىدۇ. تىپىك تاش قوراللار ياپىلاق تاش، ئۇچلۇق تاش قورال، تىلسىمان تاش قورال ۋە ئويما قورال قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋاللار تەسۋىرلەنگەن غار تام رەسىملىرى، پىل چىشىدىن ئىشلەنگەن يۇمىلاق ئويما نەقىش ۋە قاپارتما نەقىش قىلىنغان ئايال كىشىنىڭ رەسىمىي، قۇلۇلە قېپى ۋە بېلىقنىڭ ئومۇرتقىسىدىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارمۇ بار. بىللە ھايات كەچۈرگەن ھايۋانات توپلىرى غار ئېيىقى، تۈكلۈك كەركىدان، مامۇنت قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
دۇنيا تارىخى
ئاۋستېرلتز جېڭى
1805-يىلى ناپولېئون روسىيە - ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان جەڭ. بۇ جەڭگە فرانسىيە ئىمپېراتورى ناپولېئون Ⅰ، روسىيە ئىمپېراتورى ئالېكساندر Ⅰ، ئاۋسترىيە ئىمپېراتورى فرانس Ⅱ قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، <ئۈچ ئىمپېراتورى جېڭى> دەپمۇ ئاتالغان. فرانسىيىگە قارشى ئۈچىنچى قېتىملىق ئىتتىپاق قۇرۇلغاندىن كېيىن، ناپولېئون ئەنگلىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش پىلانىدىن ۋازكېچىپ، 1805-يىلى 8-ئايدا قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋېنانى ئىشغال قىلغان. بىرلەشمە جەڭگە فرانسىيە ئارمىيىسىدىن 80 مىڭ كىشى، روسىيە ئارمىيىسىدىن 75 مىڭ كىشى، ئاۋسترىيە ئارمىيىسىدىن 15 كىشى قاتناشقان. ناپولېئوننىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى ئاستىدا روسىيە - ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ئۈزۈل - كېسىل بىتچىت بولۇپ، تەخمىنەن 35 مىڭ كىشىسىدىن ئايرىلغان، قالغانلىرى تەرەپ - تەرەپكە پىتىراپ قاچقان، فرانسىيە ئارمىيىسىدىن پەقەت 9000 كىشىلاچىقىم بولغان. ئاۋسترىيە ئىمپېراتورى فرانس Ⅱ شۇ كۇنى كەچتە ئۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. روسىيە ئارمىيىسى ئاۋستىريە زېمىنىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ جەڭ فرانسىيىگە قارشى ئۈچىنچى قېتىملىق ئىتتىپاقنىڭ تېز يىمىرىلىشىگە تۈرتكە بولغان.