Chinese→UyghurMain Dictionary
奥兰治自由邦
دۇنيا تارىخى
ئورانگې ئەركىن شتاتى
ئافرىقا ئورانگې ئەركىن شتاتى دەپمۇ ئاتالغان. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بۇرلار جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، جەنۇبتا ئورانگې دەرياسىدىن باشلىنىپ، شىمالدا ۋائال دەرياسىغىچە سوزۇلغان. ئەسلىدە بېچۇئانالىقلار ۋە زۇلۇلار ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، ⅣⅩ ئەسىرنىڭ بېشىدا ياۋروپالىق دىن تارقاتقۇچىلار كىرىشكە باشلىغان، تەخمىنەن 1828 - يىلى بۇر دېھقانچىلىق مەيدان ئىگىلىرى سىڭىپ كىرىپ، بىر قانچە ئۇششاق تايانچ بازىلارنى قۇرغان. 1836 - 1840 - يىللاردا بۇرلار كۆپلەپ بېسىپ كىرىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ۋىنبۇرگتا جۇمھۇرىيەت قۇرغان. 1848 - يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىپ، ئەنگلىيىگە قاراشلىق ئورانگې ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلىتى قۇرۇلغان. 1854 - يىلى ئەنگلىيە بۇرلار بىلەن <بلو ئېمفونتېئىن كېلىشىمى> نى تۈزگەندىن كېيىن، مۇستەقىللىكى ئەسلىگە كېلىپ، ئورانگې ئەركىن شتاتى دەپ ئاتالغان. 1900 - يىلى 5 - ئايدىكى ئەنگلىيە - بۇر ئۇرۇشىدا يەنە ئەنگلىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىپ، ئورانگې دەرياسى مۇستەملىكىسى دەپ ئاتالغان. 1907 - يىلى ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. 1910 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان.